25-ماي قىرغىزىستاندىكى ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى خادىملىرى، بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە قىرغىزلار ھەم رۇسلار قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەك شەھىرىدىكى ئۆزبېكىستان ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىدىن ھۈسەيىنجان جېلىلنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
ھۈسەيىنجان جېلىل كانادا پۇقراسى بولۇپ، ئۇ ئاپرىل ئېيىدا تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن ئۆزبېكىستانغا بارغاندا، ئۆزبېك ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغان شۇنىڭدەك ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى ئۇنى تېررورىزم بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنىڭغا 2000 - يىلى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى نىغمەت بوساقوپنى ئۆلتۈرۈش ھەمدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن رەسمى زىيارەت بىلەن بىشكەككە كەلگەن خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلىش جىنايەتلىرىنى ئارتقان.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامدىن ئاڭلاڭ.