خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغان ئىبراھىم ئىسمائىل زادى قانداق ئادەم؟
2008.02.01
خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدىن 11- يىل ئىلگىرىكى، 5- فېۋرال كۈنى غۇلجا شەھىرىدە، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشىنى قانلىق باستۇرغاندىن كېيىن،ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ- كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى باشلاپ،نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇرنى قولغا ئالغان ۋە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنىدى.
دىنىي زات ئىبراھىم ئىسمائىل بۇ ۋەقەدىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى. خىتاي دائىرىلىرى 1997- يىلى ئىيۇن ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئىبراھىم ئىسمائىلنى غۇلجىدا قولغا ئالغاندا،ئۇنىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى نارازىلىق نامايىشىنى ئاستىرىتتىن پىلانلىغان "ئەڭ چوڭ كاتتىۋاش"ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى "خوڭكوڭنى قايتۇرىۋېلىشنىڭ ھارپىسىدىكى ناھايىتى مۇھىم جەڭ غەلىبىسىدىن بىرى" دەپ خەۋەر قىلغانىدى.
گەرچە خىتاي دائىرىلىرى، ئىبراھىم ئىسمائىلنىڭ سوراق جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يەر ئاستى تەشكىلاتلىرىنى "پاش قىلغان"لىقىنى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق، كەڭ تەشۋىق قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ،ئۇنى ئېتىپ تاشلىدى. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسىدا ئىبراھىم ئىسمائىل زادى قانداق ئادەم،نېمە ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىدۇ،دېگەن سۇئال ھەتتا گۇمانلار شەكىللەنگەنىدى.
تۆۋەندە بىز ئىبراھىم ئىسمائىلنىڭ سەبداشلىرىدىن، ھازىر كانادادا ياشاۋاتقان ئابلەت نۇر ئەپەندى بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەتلەشتۇق. سىياسىي پائالىيەتچى ئابلەت نۇر ئەپەندى مەرھۇم ئىبراھىم ئىسمائىلنىڭ پەزىلەت-ۋىجدانى، ھاياتى ۋە ئۇنىڭ غۇلجا ئىنقىلابىدىكى رولى ھەققىدە توختالدى.
ئابلەت نۇر ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىبراھىم ئىسمائىل ھەققىدىكى تەتۈر تەشۋىقاتلىرىنىڭ بىر ئىنقىلابچىنىڭ خەلق قەلبىدىكى ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى،ھۆرلۈكى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارغان، كۈرەش قىلغان مەزكۇر ئىنقىلابچىنىڭ ئاخىرى مۇستەملىكە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى. (كامىل تۇرسۇن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ۋاڭ جاۋجۈن خۇجىنتاۋغا ئوچۇق خەت يوللاپ، ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتىنى تەلەپ قىلدى
- ئاكىسى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بىر ياش بىلەن سۆھبەت
- ب د ت يىغىنىدا، ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەكلىپ لايىھىسى كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتتى
- بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنىدا ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدىكى تەكلىپ ماقۇللاندى
- خىتاي زىيالىيلار " ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش" تۈزۈمىنى بىكار قىلىش توغرۇلۇق ئوچۇق خەت يازدى
- ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتى
- خىتاي سوتىنىڭ 6 ئۇيغۇر ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمنامىسى ئۈستىدە --- رۇقىيە تۇردۇش خانىم بىلەن سۆھبەت
- رابىيە قادىر قەشقەردىكى ئۆلۈم جازاسى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى ئەيىبلىدى
- تۈرك مەتبۇئاتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى
- ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى قەشقەردە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى
- 9 يىل بۇرۇن قورغاس ناھىيىسىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن 7 ياشنىڭ قەبرىسى يۆتكىۋېتىلدى
- ئۈرۈمچىدىكى ساقچى - ئەدىلىيە مەكتىپىدە توقۇنۇش يۈز بەردى