خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە سۇ ۋە ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ ئېغىرلاشماقتا


2006.09.05

bulghunish-songhuajiang.jpg
2005 - يىلى25 - نويابىر كۈنى بىر بېلىقچى خىمىيىلىك ماددىلار بىلەن بۇلغانغان سونغۇاجياڭ دەرياسىدىن قىيىقىنىتارماقتا. AFP

خىتايدا ھازىر مەيلى شەھەرلەردە بولسۇن ياكى يېزىلاردا بولسۇن، سۇ ۋە ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى ئېغىر بىر مەسىلىگە ئايلاندى. يېقىندا خىتاي دۆلەت كابىنېتى تەرىپىدىن ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان سۇ ۋە ھاۋانىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاينىڭ قۇرۇلۇش مىنىستېرى جيۇ باۋشىنمۇ مەزكۇر يىغىندا خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سۇنىڭ ئىنتايىن زور دەرىجىدە بۇلغانغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

يېقىندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى مەملىكەت ئىچىدىكى سۇ ۋە ھاۋانىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلەپ مەلۇمات بەرمەكتە. خىتاي ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىندا بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە: ھازىر خىتايدىكى شەھەرلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپىنىڭ مەيلى ھاۋاسى بولسۇن ياكى سۈيى بولسۇن پۈتۈنلەي بۇلغانغان ھەمدە بۇلغىنىش دەرىجىسى ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ ئېغىر ھالەتتە بولغان.

يېقىندا، خىتاي دۆلەتلىك قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى300 گە يېقىن شەھەردە، تاكى ھازىرغىچە پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىدىغان زاۋۇت مەۋجۇت بولۇپ باقمىغان ھەمدە بىر قىسىم شەھەرلەردە سېلىنغان پاسكىنا سۇنى بىرتەرەپ قىلىش زاۋۇتلىرى ئىشلەش ئىقتىدارىدىن قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى بولمىغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ خىل ھالەت مەزكۇر شەھەرلەردىكى سۇ ۋە ھاۋانىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرغان.

سۇ ۋە ھاۋانىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالى ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئوخشاشلا ئېغىر بولماقتا

خىتاي ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە سۇ ۋە ھاۋانىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالى پەقەت شەھەرلەردىلا ئەمەس بەلكى يېزىلاردىمۇ ئوخشاشلا ئېغىر بولماقتا. مەسىلەن ئۈرۈمچى، غۇلجا، كورلا ۋە ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا، سۇ ۋە ھاۋانىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن خېلىلا ئېغىر بولۇپ، كىشىنى ئەندىشە قىلدۇرغىدەك ھالەتكە يەتكەن.

يېقىندا رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان غۇلجىدىكى دېھقان ئايال مەزكۇر جايدىكى ئەسلىدە سۈپ -سۈزۈك ئاقىدىغان سۇنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىنتايىن زور دەرىجىدە بۇلغىنىپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ خىل ھالەتتىن ئىنتايىن ئېچىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتايدىكى سۇنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسى ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

خىتاينىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە يۈز بېرىۋاتقان سۇ ۋە ھاۋانىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى. يېقىندا ئىچكى موڭغۇل رايونىنىڭ گۇۋۇلاتچېچ دېگەن يېرىدە يۈز بەرگەن بۇلغىنىش ۋەقەسى ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە مەزكۇر جايدىكى بۇلغىنىش ۋەقەسى ھەققىدە مەخسۇس مەلۇماتلار بېرىلگەن. نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە بېرىلگەن مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە،

ئىچكى موڭغۇل رايونىنىڭ گۇۋۇلاتچېچ دېگەن يېرىدە يۈز بەرگەن سۇ بۇلغىنىش ۋەقەسى مەزكۇر جايدىكى قەغەز ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن كېلىپ چىققان. مەزكۇر جايدىكى يەرلىك خەلقنىڭ نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى مۇخبىرلىرىغا مەلۇم قىلىشىچە، گەرچە ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، يۇقىرىدىن "بۇلغانغان رايوننى دەرھال تازىلاش كېرەك" دېگەن بۇيرۇق كەلگەن بولسىمۇ، يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىنى قىلچە ئىجرا قىلمىغان.

نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلاردا يەنە، خىتايدىكى سۇ ۋە ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى پەقەت ئىچكى موڭغۇل رايونىدىلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ھەممىلا ئۆلكىسىدە دېگىدەك ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىگە يەتكەنلىكى شۇنداقلا يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل ھالەتتىن پەرۋايى پەلەك بولۇپ، مۇھىت ئۈچۈن ئاجرىتىلغان مەبلەغنى بۇزۇپ-چېچىپ ھەتتا خىيانەت قىلىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

خىتايدا پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋابلار ئىنتايىن كەم

يېقىندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا يەرشارى تەتقىقات ئورگىنى "ۋىلسون مەركىزى" نىڭ مەسئۇلى جېنىف خانىم خىتاينىڭ ھەر قايسى شەھەر ۋە يېزىلىرىدىكى سۇنىڭ ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالدى.

جېنىف خانىمنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، خىتاينىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە سۇنىڭ ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك بۇلغىنىپ كېتىشىدىكى سەۋەب، ھازىر خىتاينىڭ كۆپ ساندىكى خىمىيە زاۋۇتلىرى دەريا بويلىرىغا سېلىنغانلىقىدىن ئىكەن. جېنىف خانىم سۆزىدە، بۇلتۇر خاربىننىڭ سۇڭخۇاجياڭ دەرياسىدا يۈز بەرگەن خىمىيىۋى بۇلغىنىش ئاپىتىنى مىسالغا ئېلىپ، ھازىر خىتايدىكى پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر قىسىم ئەسۋابلارنىڭ ئىنتايىن كەم بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ يەنە "خىتايدىكى شەھەرلەرنىڭ 3 تىن بىر قىسمى يەر ئاستى سۈيىنى ئىستىمال قىلىدۇ، لېكىن يەر ئاستى سۇنىڭ تەركىبىدە تازىلاپ بىر تەرەپ قىلمىسا بولمايدىغان زەھەرلىك ماددىلار بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە دېھقانچىلىقتىن كېلىپ چىققان تۈرلۈك بۇلغانغان ماددىلار پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىگە زور زىيان يەتكۈزمەكتە" دەپ بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا ھازىر ھاۋانىڭ ئېغىر دەرىجىدە بولغىنىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، 90% كە يېقىن يەر ئاستى سۇيىمۇ پۈتۈنلەي بۇلغىنىپ بولغان. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.