ئامېرىكىلىق يازغۇچى ئېتىېن گۇتمان: شەرقى تۈركىستان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسان ئىچكى ئەزالارنى ئېلىۋالىدىغان تەجرىبىخانىسى

خەلقئارا جەمئىيەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرمىدىكى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى ئېلىۋېلىش سىستېمىسىنى بىكار قىلىپ، تۇرغۇزغان يېڭى سىستېمىسىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز رۇقىيە
2012-11-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خەنزۇ دوختۇر ۋاڭ ۋېنيى خىتايدىكى ئورگان تىجارىتى توغرىسىدا ئامېرىكىدا دوكلات بەرمەكتە.
خەنزۇ دوختۇر ۋاڭ ۋېنيى خىتايدىكى ئورگان تىجارىتى توغرىسىدا ئامېرىكىدا دوكلات بەرمەكتە.
AFP

دۇنيا ساقلىقنى ساقلاش تەشكىلاتى ژۇرنىلىنىڭ بۇ يىل 11-ئايلىق مەلۇماتىدا، ئىچكى ئەزالارنى ئىئانە قىلىش ئالاقىلىشىش تورى تەتقىقات مەركىزىگە خىتاي تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن مۇتەخەسسىس ۋاڭ خەيبو بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىر زىيارەت خاتىرىسى يېزىلغان بولۇپ، خاتىرىدە ۋاڭ خەيبونىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا تۈرمىدىكى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى ئېلىۋېلىش سىستېمىسىنى بىكار قىلىپ يېڭى سىستېما تۇرغۇزىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى يېزىلدى. ئەمما، خەلقئارا جەمئىيەتلەر خىتاينىڭ بۇ ھەقتە يېڭى سىستېما تۇرغۇزىدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قاراۋاتقان بولۇپ، 11 ئاينىڭ 6-كۈنى دۇنيادىكى ئىچكى ئەزالارنى ئېلىۋېلىشقا قارشى دوختۇرلار تەشكىلاتى ۋاشىنگتون مەتبۇئاتلىرىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ پەقەت خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى ئاستىدىلا ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن مۇشۇنداق ۋەدىنى جاكارلىغانلىقىنى، ئەمما ئەمەلىيەتتە بولسا مەخپىي ھالدا بۇرۇنقى سىستېمىسىنى داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكى ئېغىرلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ۋاڭ لىجۇن ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى فالۇڭگۇڭچىلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان تۈرمىدىكى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى كۆچۈرۈش جىنايەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ئاشكارا بولۇپ كېتىشى، بۇ قېتىم خىتايدىكى ئىچكى ھوقۇق ئۆزگىرىشىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىپ، خىتاينىڭ تۈرمىدىكى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېلىش جىنايى قىلمىشىنىڭ توختىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى قانچىلىك؟ ئەگەر خىتاي راستىنىلا ۋاڭ خەيبو دېگەندەك تۈرمىدىكى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېلىش سىستېمىسىنى ئۆزگەرتسە، يېڭى سىستېما تۈرمىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي جىنايەتچىلەر ۋە باشقا جىنايەتچىلەرگىمۇ ئوخشاش يۈرگۈزۈلۈشى مۇمكىنمۇ ياكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىككى بىسلىق سىياسىتى تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇرلار يەنىلا يېڭى سىستېمىنىڭ تېشىدا قالدۇرۇلۇش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ؟

بىز بۇ ھەقتە ئامېرىكىلىق يازغۇچى ئېتىېن گۇتمان بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدۇق. ئېتىېن گۇتمان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ كۆچۈرۈۋېلىنىشى ھەققىدە بۇلتۇر ئامېرىكىدا چىقىدىغان ھەپتىلىك ئۆلچەملىك ژۇرنىلىدا بىردىن-بىر چوڭ ھەجىملىك ماقالە ئېلان قىلغان ئامېرىكىلىق يازغۇچى ۋە خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى بولۇپ، تەپسىلىي سۆھبەت خاتىرىسىنى يۇقىرىقى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت