ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا ئۇچۇر مەركىزى 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئادەم ئەتكەسچىلىكى مەسىلىسى بۇيىچە 2007 - يىللىق دوكلات ئېلان قىلدى. خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە كۆزىتىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. ھازىر 'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا بۇ دوكلاتنىڭ 'خىتاي قىسمى' ھەققىدە يېڭى مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ.
خىتاي خەلقئارالىق ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ مەنبەسى
'كۆزىتىش ژۇرنىلى'نىڭ 17 - ئىيون سانىدا بايان قىلىنىشىچە، خۇددى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا ئۇچۇر مەركىزى 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئادەم ئەتكەسچىلىكى مەسىلىسى بۇيىچە ئېلان قىلغان 2007 - يىللىق دوكلاتىنىڭ 'خىتاي قىسمى'دا كۆرسىتىلگەندەك، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھازىر دۇنيادا، خەلقنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ قۇل قىلىش ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان خەلقئارالىق ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ مەنبەسى ھەم ترانسپورت نوقتىسى بولۇپ قالدى.
خىتايدىكى بۇنداق ئادەم ئەتكەسچىلىكى، ئاساسەن بالىلارنى ۋە ئاياللارنى سودا-تىجارەت يولى بىلەن ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان. خىتايدىكى بۇنداق ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ كۆپ قىسمى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە، ئاز قىسمى خىتاي ئارقىلىق ئافرىقا، ياۋروپا، لاتىن ئامېرىكىسى،، ئوتتۇرا شەرق، ھەتتا شىمالىي ئامېرىكىغىچە كېڭەيتىلگەن.
خىتايغا ئالداپ كېلىنگەن ئاياللار كوممۇنىست بايۋەچچىلىرىگە خوتۇن بولۇشقا مەجبۇر بولغان ياكى تامامەن كىملىكى يوق ئائىلە قۇللىرىغا ئايلانغان
مۇلاھىزىلەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدىكى ئادەم ئەتكەسچىلىرى، ئاساسەن دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ كەلگۈسىدە ياخشى تۇرمۇش كۆچۈرۈش ھەققىدە بېرىلگەن يالغان ۋەدىلەرگە ئاسان ئىشىنىدىغانلىقىدىن پايدىلانغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئالدانغانلىقىنى سەزگەندە، ئالدامچىلارنى ھەرگىز تاپالمايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە يالغان ۋەدىلەرگە ئالدانغان ئاياللار ۋە بالىلار ئەڭ كۆپ.
ئۇلار چەت رايونلاردىن ئالدىنىپ كېلىپ، خىتاينىڭ 'تەرەققى قىلغان رايون' دەپ ئاتالغان جايلىرىدا ئېغىر جىسمانىي ئەمگەككە ياكى 'جىنسىي قۇل'لۇققا تۇتۇلغان. ھەتتا موڭغۇلىيە، شىمالىي كورىيە، بېرما، رۇسىيە، ۋېيتناملاردىنمۇ خىتايغا ئالداپ كېلىنگەن ئاياللار كوممۇنىست بايۋەچچىلىرىگە خوتۇن بولۇشقا مەجبۇر بولغان ياكى تامامەن كىملىكى يوق ئائىلە قۇللىرىغا ئايلانغان.
مۇلاھىزىچىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنداق جىنايى ئىشلار جەھەتتە گەرچە خىتاينىڭ قانۇنى بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى ئىجرا قىلىشى ياخشى بولمايۋاتىدۇ.
ئۇيغۇرلار قىزلىرىنىڭ خىتايغا ئالدىنىپ كېتىش مەسىلىسى، ياۋرۇپادا ئۇيغۇرچە چىقىدىغان 'غەرب شامىلى' ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى ھاجى ئابدۇرېشىت كېرىمىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۆزى پىلانلىق ھالدا سادىر قىلىۋاتقان دېلو.
خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئادەم ئەتكەسچىلىكىنى نوپۇس نىسبىتى بۇزۇلغان رايونلاردىكى ئايال كاملىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قوللانماقتا
مۇلاھىزىلەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا ئادەم ئەتكەسچىلىكى ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان بىر ئېغىر مەسىلە. ھازىر خىتايدا ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 مىڭدىن 20 مىڭغىچە ئادەم سېتىلىپ قۇل قىلىنىشقا ئۇچراۋاتىدۇ. خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ %90 ى ئاياللار ۋە بالىلار .
ئۇلار ئاساسەن نامرات رايونلاردىن باي رايونلارغا، بولۇپمۇ نوپۇسىنىڭ ئەر بىلەن ئايال نېسبىتى بۇزۇلغان رايونلارغا يۆتكەپ كېلىنگەن. كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئادەم ئەتكەسچىلىكىنى شۇ جايدىكى ئايال كاملىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قوللانماقتا.
كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق ھالدا ئۇيغۇر قىزلىرىنى سېتىش، قۇل قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خەلقئارانىڭ ئارىلىشىشى لازىم
ياۋرۇپادا ئۇيغۇرچە چىقىدىغان 'غەرب شامىلى' ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى ھاجى ئابدۇرېشىت كېرىمىنىڭ قارىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى پىلانلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنى سېتىش، قۇل قىلىشنى يولغا قويۇۋاتىدۇ. ھازىر بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خەلقئارانىڭ ئارىلىشىشى لازىم. (ۋەلى)