كېرىيە ناھىيىسىدە ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيىسىنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتى باشلاندى
2006.02.24

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيىسىدە "ئالتە ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان كىشىلەرنىڭ ئىدىيىۋى ئەھۋالىنى كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈش ھەرىكىتى قوزغالغان بولۇپ، كېرىيە ناھىيىسىدە چىقىدىغان ئاممىۋى ئۇچۇر تور بېتىدە ئەينەن مۇنداق دېيىلگەن:
"بىز ناھىيىمىزنىڭ، يېڭى بىر دەۋىر ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئىدىيە ئەھۋالى بىلەن پۈتۈنلەي تونۇشۇپ چىقىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى ۋاقتىدا كونترول قىلىش ئۈچۈن، بولۇپمۇ ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش شۇنىڭدەك جىنايەت شەكىللەندۈرۈش ئەھۋاللىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاكتىپلىق بىلەن ياش - ئۆسمۈرلەرگە ئىدىيىۋى ئەخلاق تەربىيىسىنى كۈچەيتىشتە يېڭى ئۇسۇللارنى قوللىنىشىمىز، بۇنىڭدا قولغا كەلتۈرگەن تەجرىبە - ساۋاق ۋە نەتىجىلىرىمىزنى خۇلاسىلەپ، مەۋجۇت مەسىلىلەرنى چوقۇم بىر تەرەپ قىلىشىمىز، بۇ ئارقىلىق يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ئاساستا ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇنسىز پائالىيەتلەرنى سادىر قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك".
بۇ ھەقتە بېرىلگەن ئۇچۇردا يەنە، تەكشۈرۈش دائىرىسىنىڭ ناھىيە بويىچە 6 ياشتىن 40 ياشقىچە، يەنى 13 ياشتىن تۆۋەنلەر بىر گۇرۇپپا، 14 ياشتىن 16 ياشقىچە بولغانلار بىر گۇرۇپپا، 17 دىن 25 كىچە، 26 دىن 35 كىچە، 36 دىن 40 ياشقىچە بولغانلارنىڭ ھەر بىرى بىر گۇرۇپپىغا ئايرىلىپ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان ئاساسلىق ئورۇنلار، دىنىي تەلىم بېرىلىدىغان يەر ئاستى ئۆيلىرى، چامباشچىلىق مەركىزى، قانۇنسىز تەبلىخ پائالىيەت ئورۇنلىرى بولۇپ، بولۇپمۇ ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ مىللى بۆلگۈنچىلىك، دىنىي رادىكال ۋە زوراۋان كۈچلەردىن ئىبارەت ئۈچ خىل كۈچلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنى ئېنىقلاپ، دىنىي رادىكاللىق ئىدىيىسى كۈچلۈك ياشلارنى ئاساس قىلىپ، تەكشۈرۈش، سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش شەكىللىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ئەقىدە كېرىيە ناھىسىگە تېلېفون ئۇرۇپ ئەھۋال ئىگىلىدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كېرىيە ناھىيىسىدە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى تىكلەنگەن
- خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدە ئارمىيىنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
- قادىر باقىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى
- بەشتە كاپالەتلىك قىلغۇچى كادىرلار ئايكۆل يېزىسىدا نېمە ئىش قىلىدۇ؟
- قەشقەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي تۈس ئالغان كىيىملەرنى كىيىشى چەكلەنگەن
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يازغۇچى ئابدۇللا جامالنى يازغان ئەسەرلىرى تۈپەيلى قولغا ئالغان