"شىنجاڭ گېزىتى"دە ئېيتىلىشىچە، كىشىلەرنىڭ مېڭىسىنى ماركىسىزم بىلەن قوراللاندۇرۇش ھازىر رىقابەتكە دۇچ كەلگەن
2006.08.10
"شىنجاڭ گېزىتى" نىڭ 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەملىكەتلىك سىياسىي ئىدىيىۋى خىزمەت پەنلىرى كومىتېتى دېگەن ئورگان يېقىندا ئۆزىنىڭ يىللىق مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۈرۈمچىدە ئاچقان. خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئورگىنى يىغىندا "يېڭى شارائىتتا كىشىلەرنىڭ مېڭىسىنى ماركىسىزم بىلەن قوراللاندۇرۇش رىقابەتكە دۇچ كەلدى" دەپ ئېتىراپ قىلغان. دېمەك خىتايدا ھازىر سىياسى ئىدىيىۋى خىزمەت ئاقمايدىغان بولۇپ قالغان.
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ستانسىسىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ساھىپخانلىقىدا ئېچىلغان بۇ ئۈچ كۈنلۈك يىغىندا، ھازىرقى يېڭى ۋەزىيەتتە سىياسى ئىدىيىۋى خىزمەتنىڭ ئاقمايۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بۇنداق بىر چوڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تېپىش ئۈچۈن "خۇجىنتاۋنىڭ 1 - ئىيۇل نۇتقى" دىن جاۋاپ ئىزلەشكە ۋاقىت سەرپ قىلىنغان.
ئىقتىسادىي جىنايەت سادىر قىلىش نىسبىتى بۇلتۇرقىدىن يۇقۇرى ئۆرلىگەن
"ئامېرىكا ئاۋازى"نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتايدا 2006 - يىلى ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئوت قويۇش، زوراۋانلىق ھەرىكەت دېگەندەك جىنايەتلەرنى سادىر قىلىش نىسبىتى بۇلتۇرقىدىن يۇقۇرىي بولمىسىمۇ، ئەمما خىتايدا ئىقتىسادىي جىنايەت سادىر قىلىش نىسبىتى بۇلتۇرقىدىن يۇقۇرى ئۆرلىگەن. بۇ 2006 - يىلىدىكى بىر ئۆزگۈرۈش.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا بۇيىل بايقالغان ئىقتىسادىي جىنايەت 33 مىڭ دېلو، بۇ دېلولارغا مۇناسىۋەتلىك پۇل سانى 7 مىليارد 200 مىليون يۈەن. خىتايدا سادىر قىلىنغان ئىقتىسادىي دېلو سانى گەرچە بۇلتۇرقىدىن ئاران 6% ئۆرلىگەن بولسىمۇ، ئەمما پۇل مىقتارى بۇلتۇرقىدىن 90% يۇقۇرى ئۆرلىگەن. ئامېرىكىدىكى خامىلتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناس پروفېسسورى لى چېڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا، سادىر قىلىنغان جىنايى ئىشلار جىنايىتى بۇلتۇرقىدىن يۇقۇرى ئۆرلىمىدى دېيىلگىنىگە گەرچە تازا ئىشەنگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇيىل خىتايدا ئىقتىسادىي جىنايەت سادىر قىلىنىش نىسبىتى بۇلتۇرقىدىن يۇقۇرى ئۆرلىگىنى راس. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇيىل كەينى-كەينىدىن ئوقتۇرۇش چۈشۈرۈپ "ئېچىش-تەرەققى قىلدۇرۇش" نىڭ دائىرىسىنى چەكلەشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما جەمئىيەتتە يۈز بەرگەن خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشىلىق كۆرسۈتۈش ھەرىكەتلىرىنىڭ 3 تىن 2 قىسمى يەنىلا ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرى ھالدا يەر ئىگەللىشىگە، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلەشكەنلىكىگە، تەبىئي مۇھىتنىڭ بۇلغىنىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ يۈز بەرگەن. مەسىلىنىڭ تېگى -تەكتى يەنىلا بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقى بارغانسىرى چوڭىيىۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى دۆلەتتە تۈزۈم ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت.
سىياسىي ئىدىيىۋى خىزمەت ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئويلاۋاتقانلىقى بىر كۈلكىلىك ئىش
مۇتەخەسسىسلەر خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان جىنايەت سادىر قىلىش مەسىلىسىنىڭ سەۋەپلىرىنى ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىلىرىنى مۇلاھىزە قىلىۋاتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى "پىكىر" دەپ ئاتالغان بىر ھۆججەت تارقىتىپ، شۇ ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتكە سىياسىي ئىدىيىۋى خىزمەتنى كۈچەيتىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېتىدە بايان قىلىنىشىچە، 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئېلان قىلغان "دۆلەت كابىنېتى ۋە دۆلەت ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ "خەلق ئەسكەرلىرى زاپىسىغا قارىتىلغان خىزمەت ھەققىدە پىكىر" دېگەن ھۆججەتتە "سىياسىي ئىدىيىۋى خىزمەت ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ مېڭىسىنى ماركىسىزم بىلەن قوراللاندۇرۇش"نى، "پارتىيە قورالنى باشقۇرىدىغان تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش"نى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھەربى كومىتېتلار خەلق ئەسكىرى دەپ ئاتىلىدىغان زاپاس ھەربى قىسىملارغا سىياسىي ئىدىيىۋى خىزمەتنى ئۈزمەي ئېلىپ بېرىشى لازىم" لىقىنى تەكىتلىگەن. ئورگىنى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، خىتايدا "سىياسى ئىدىيىۋى خىزمەت" دېگەن تەدبىر رىقابەتكە ئۇچراۋاتقان، يەنى ئاقمايۋاتقان ھازىرقى ۋەزىيەتتە ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنىلا سىياسىي ئىدىيىۋى خىزمەت ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئويلاۋاتقانلىقى بىر كۈلكىلىك ئىش. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقى ئەمەس يالغانچىلىقى
- قارامايدىكى "ماي بۇلاق" ژورنىلىنىڭ تەھرىرى ئابدۇرېشىت نىياز قولغا ئېلىنغان
- خۇ جىنتاۋنىڭ "سەككىز شەرەپ، سەككىز نومۇس" دېگەن ئەخلاق ئۆلچىمى ھەققىدە سۇئال (2)
- خۇ جىنتاۋنىڭ "سەككىز شەرەپ، سەككىز نومۇس" دېگەن ئەخلاق ئۆلچىمى ھەققىدە سۇئال
- ئۇيغۇر ئېلىدە "8 شەرەپ، 8 نومۇس" قارىشىنى ئۆگىنىشتىن ئىبارەت يېڭى سىياسىي ئۆگىنىش دولقۇنى كۈچەيدى