خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپ ساھەسىگە قاراتقان تازىلاش ھەرىكىتى غەلبە قازىنالامدۇ؟
2006.12.06
شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى كۈرەش ئاتىخان ئەپەندىنىڭ بىۋاستە ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 7 - ئايدا ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش ھەرىكىتىنى قوزغاپ، ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە ئوقۇتقۇچىلاردىن يۈسۈپجان ياسىن بىلەن ئەركىن رەھمىتۇللانى جازالىغان.
"قوش تىل" لىق ئوقۇتۇشقا نارازى بولغۇچىلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرۇش
خىتاينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، مائارىپ نازارىتى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئېلىپ بېرىلغان" ئاڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش ھەرىكىتى" دە، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ "قوش تىللىق" مائارىپقا بولغان نارازىلىقىنى تۇنجۇقتۇرۇش، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ئىرادىسىنى سۇندۇرۇش مەقسىتىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن يۈسۈپجان ياسىن بىلەن ئەركىن رەھمىتۇللانى تارتىپ چىقىپ، ئۇلار ئۈستىدىن جىددىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
كۈرەش ئاتىخان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئىككى ئوقۇتقۇچى، ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە ھەتتا پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپ ساھەسى بويىچە كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرى ئارىسىدا ھەرىكەت قوزغاشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلايدىكەن.
جازادىن بۇرۇنقى باھانە ئىزلەش
كۈرەشجان ئاتىخان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يۈسۈپجان ياسىننى تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىنى، يۈسۈپجان ياسىن خىتاينىڭ 6 - ئوتتۇرا مەكتىپى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ 14 - ئوتتۇرا مەكتىپىنى قوشۇۋېتىش ۋە قوش تىللىق مائارىپقا قارىتا قانداق قارشى گەپلەرنى قىلدى؟ ئۇ يەنە دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىغا دەخلى - تەرۈز قىلىدىغان، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى پارچىلايدىغان قانداق سۆز ۋە ھەرىكەتلەردە بولدى؟ ئۇ قانداق دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل بولدى؟ ئوقۇغۇچىلارنى قانداق قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە باشلىدى؟ دېگەنگە ئوخشاش سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشكە قىستاپ، ئۇنى خىتاي قانۇنىغا خىلاپ ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان. يۈسۈپجان ياسىننىڭ بىر قانچە ماقالىسىنى، ئېغىر سىياسىي خاتالىق ئۆتكۈزگەن، پانتۈركىسىزملىق خاتا كۆز قاراشلارنى تارقىتىپ، جەمئىيەتتە ئىنتايىن يامان تەسىر پەيدا قىلغان دېگەن بەدنام بىلەن قارىلاپ، ئۇنى دەرس مۇنبىرىدىن قوغلاپ چىقارغان.
ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تازىلاش
ئوخشاشلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ئەركىن رەھمىتۇللا - مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر تىلىغا باشقا تىلدىكى سۆزلەرنى ئارىلاشتۇرماي ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆز قىلىشنى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت تەركىپىنىڭ ساپلىقىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلغانلىقى ئۈچۈن، مائارىپ تارماقلىرى، ئۇنى "قوش تىللىق مائارىپقا" قارشى چىققان دەپ، يۈسۈپجان ياسىنغا قارىتىلغان ئۇسۇللار بىلەن تەكشۈرۈپ قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئالغان.
كۆرەشجان ئاتىخان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش " ئاڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش" دېگىنى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر زىيالىلىرىغا قارىتىلغان تازىلاش ھەرىكىتىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ھەرىكەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 57 يىلدىن بېرى تۈرلۈك ناملار ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىپ، سانسىزلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۆلتۈرۈلگەن، تۈرمىگە تاشلانغان، سۈرگۈن قىلىنغان ۋە جىسمانىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. ھەتتا سۆز قىلىش ۋە مەتبۇئات ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنى مەنىۋىي جەھەتتىن يېتەكچىسىز قالدۇرۇش، ئۇلارنى مەڭگۈ مىللىي تەقدىرى ھەققىدە ئويلىنىش ۋە كۈرەش قىلىشتىن قاتتىق قورقىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل زوراۋان ھەرىكەتلەر ھېچقاچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي روھى ۋە ئىرادىسىنى بويسۇندۇرالمايدىكەن. ( ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- "شىنجاڭ گېزىتى"دە ئېيتىلىشىچە، كىشىلەرنىڭ مېڭىسىنى ماركىسىزم بىلەن قوراللاندۇرۇش ھازىر رىقابەتكە دۇچ كەلگەن
- كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقى ئەمەس يالغانچىلىقى
- قارامايدىكى "ماي بۇلاق" ژورنىلىنىڭ تەھرىرى ئابدۇرېشىت نىياز قولغا ئېلىنغان
- ئۇيغۇر ئېلىدە "8 شەرەپ، 8 نومۇس" قارىشىنى ئۆگىنىشتىن ئىبارەت يېڭى سىياسىي ئۆگىنىش دولقۇنى كۈچەيدى
- كېرىيە ناھىيىسىدە ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيىسىنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتى باشلاندى
- قادىر باقىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى
- بەشتە كاپالەتلىك قىلغۇچى كادىرلار ئايكۆل يېزىسىدا نېمە ئىش قىلىدۇ؟
- قەشقەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي تۈس ئالغان كىيىملەرنى كىيىشى چەكلەنگەن
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يازغۇچى ئابدۇللا جامالنى يازغان ئەسەرلىرى تۈپەيلى قولغا ئالغان
- پوسكام نېفىتلىكىدىكى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار "مىللىي بۆلگۈنچى" دەپ ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىنى سىياسەتچىلەرنىڭ باشقۇرىشىنى تەكىتلىمەكتە