ماۋزېدۇڭ ئوتتۇرىغا قويغان "شەرق شامىلى" قۇرۇلۇشى ئاللىقاچان بەربات بولغان، بۇنىڭدىن كېيىن غەلىبە قىلامدۇ؟


2007.01.05

ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي مەركىزى كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ "ئۆگىنىش" ژۇرنىلىدا، خىتايدا مىللىي زىددىيەتلەرنىڭ كۈندىن - كۈنگە جىددىيلىشىۋاتقانلىقى، خىتايدا 1998 ‏- يىلىدىن بۇيان 52 قېتىم يۈز بەرگەن چوڭ كۆلەملىك قارشىلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى يەر - زېمىن ۋە تەبىئىي بايلىق ھوقۇقى جەھەتتىكى مىللىي زىددىيەتلەردىن كېلىپ چىققانلىقى، ھازىر شىنجاڭ، تىبەت، يۈننەنلەردە بۇنداق قارشىلىق ھەرىكەتلەرنىڭ كۈندىن ‏- كۈنگە ئەۋج ئېلىپ كۈچىيىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى ئامېرىكىنىڭ خىتايدا مىللىي زىددىيەتلەرنى قوزغاۋاتقانلىقىدىن بولدى، دەپ قارايدىغانلىقى بايان قىلىنىپ، ئۇنىڭدا مەيلى ئۇنىڭ نېمە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، بۇ مەسىلە ھازىر خىتايدا جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالغانلىقى تەكىتلەنگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مىللىي زىددىيەتنى بىرتەرەپ قىلىش ئۈچۈن "شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى" دېگەن چارىنى ئوتتۇرىغا قويدى

خىتاينىڭ "شىنجاڭ گېزىتى" دە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا جىددىيلىشىۋاتقان مىللىي زىددىيەتنى بىرتەرەپ قىلىش ئۈچۈن "شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى" دەپ ئاتىلىدىغان بىر چارىنى قوللىنىشقا باشلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2007 ‏- يىلى 1 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- ۋە 2 ‏- كۈنلىرى، قەشقەر رايونىدا 2369 يېزا -كەنتكە "خەلق گېزىتى"، "شىنجاڭ گېزىتى" قاتارلىق پارتىيە گېزىتلىرىنى ھەقسىز تارقاتقان. مەزكۇر گېزىتتە بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 1 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنىدىن باشلاپ ھەر بىر يېزا‏- كەنتلەرگە پارتىيە گېزىتلىرىنى ھەقسىز بېرىش "شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى" دەپ ئاتىلىدىكەن. قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم شۇجىسى جاۋ شىنۋېي "شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى" دەپ ئاتالغان بۇنداق تەدبىرنى "پارتىيىمىزنىڭ سىياسى -ئىدىيىۋى فرونت قۇرۇلۇشى، ئىدىئولوگىيە تەشۋىقات جېڭى، يېڭى يېزا قۇرۇشنىڭ قەدىمىنى تېزلىتىدىغان چارە" دەپ چۈشەندۈرگەن.

"غەرب شامىلى ژۇرنىلى"نىڭ تەھرىرى "شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى" ھەققىدە توختالدى

ھازىر شىۋېئىتسىيىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى، ياۋروپادا ئۇيغۇرچە چىقىدىغان "غەرب شامىلى ژۇرنىلى"نىڭ تەھرىرى ئابدىرىشىت ھاجى كېرىمى بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ ئوخشىمىغان كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان مەشھۇر جامائەت ئەربابى سەلەي ھاجىملار ئۆزىنىڭ ئوخشىمىغان كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ گېزىتلىرى ۋە ئۇنىڭدا دېيىلگەن گەپلەر ئۇيغۇرلارغا بەخت ئېلىپ كەلمىگەنلىكى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.