خىتاينىڭ ئاخبارات نەشرىيات مەھكىمىسى يېقىندا 8 نەپەر خىتاي يازغۇچىسىنىڭ 8 پارچە كىتابىنى چەكلىدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ 4 رومان قالغىنى ئەدەبىي خاتىرە ۋە ئەسلىمە قاتارلىق ژانىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
خىتاي زىيالىيلىرى خىتاي دائىرلىرىنىڭ بۇ ھەرىكتىنى پۇقرالارنىڭ سۆز مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى ئاياق ئاستى قىلىش ۋە بۇ ۋەقە خىتاينىڭ ئاساسى قانۇنىغىمۇ زىت كېلىدۇ، ئەيىپلىمەكتە خىتاينىڭ ئاساسى قانۇنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى سۆز-مەتبۇئات، نەشرىيات، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش، نامايىش ۋە نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ھەمدە پەن-تېخنىكا تەتقىقاتى، ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە باشقا مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئەركىنلىكىگە ئىگە دېيىلگەن.
چەتئەللەردىكى خىتايلارنىڭ تەھلىلىچە كىتاب چەكلەش خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان بولسىمۇ، بۇ قېتىمقى كىتاب چەكلەش مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىنكى كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان ھەركەت ھېسابلىنىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ ھەرىكەتكە قارىتا ئىلگىرىكى قېتىملارغا نىسبەتەن خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىمۇ خېلىلا كۈچلۈك بولغان نارازىلىق سادالىرى كۆتۈرۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 8 پارچە كىتابنى چەكلىگەن بولسىمۇ، ئامما ئۇلارنىڭ ئاپتورلىرىنى تۈرمىگە تاشلىمىدى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى كىتاب چەكلەش ھەركىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلماقتا. چۈنكى خىتاي دائىرلىرى ئۇيغۇر رايونىدىمۇ بۇ خىل كىتاب چەكلەش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملىق ئېلىپ بارغان بولۇپ، توختى مۇزارت، نۇرمۇھەممەت ياسىن ۋە ئابدۇغېنى مەمتىمىن قاتارلىق كۆپلىگەن ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭ ئەسەرلىرى خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن چەكلىنىپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ ئۆزىمۇ ھازىرغىچە خىتاينىڭ قاراڭغۇ تۈرمىلەرگە ياتماقتا.
نېمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي يازغۇچى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى چەكلىگەندە ئۇلارنى تۈرمىلەرگە تاشلىمايدۇ- يۇ، ئۇيغۇر يازغۇچى شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى چەكلەش بىلەن بىللە، ئۇلارنى تۈرمىلەرگە تاشلايدۇ ۋە بىربىرىگە ئوخشىمىغان قوش ئۆلچەم يۈرگۈزىدۇ؟
بىز بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە كانادادىكى شائىر ۋە سىياسى ئانالىزچى ئەخمەتجان ئوسمان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئەخمەتجان ئوسمان كىتاب چەكلەشنىڭ پۇقرالارنىڭ سۆز مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى قاتتىق بوغۇش ھېسابلىنىدىغانلىقى، بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ دىكتاتور تۈزۈملەردە يۈز بېرىدىغانلىقى، ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ چەكلىنىشى بىلەن ئۇلارنىڭ تۈرمىلەرگە تاشلىنىشى ۋە ئۇيغۇر يازغۇچى شائىرلىرى ۋەتىنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ قايتا بەسىلىشتىن توختىتىلىشى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئەدەبىيات تارىخى كىتابلىرىدىنمۇ چىقىرىلىپ تاشلىنىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.