0:00 / 0:00
قازاقىستاندا ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئانا تىلغا بولغان بىلىملىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، تونۇلغان ئەدىپلەر، سەنئەتكارلار يازغۇچى شائىرلار بىلەن تونۇشۇش پائالىيەتلىرىنى دائىم ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.
18 – ماي كۈنى ئالماتىدىكى مەسۇم ياقۇپ ئوتتۇر مەكتىپىدە ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى شايىم شاۋايېفنىڭ ئىجادى كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، كېچىلىككە مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلىرى، يازغۇچى – شائىرلار، ئەدىپلەر ۋە باشقا ساھەسىدىكىلەر قاتناشتى.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللادىن ئاڭلاڭ.