يېقىندىن بۇيان خىتاي ئۆزىنىڭ تۈرلۈك مەسىلىلىرى بويىچە بىر قاتار ئاق تاشلىق ۋە كۆك تاشلىق كىتاب ھەم دوكلاتلارنى ئېلان قىلىشقا باشلىدى. يېقىندا خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ھۆججەتلەر نەشىرىياتى 2006-يىللىق ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ ئەھۋالىغا ئائىت كۆك تاشلىق كىتاب" جۇڭگو ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى بويىچە 3-نومۇرلۇق دوكلات" نى نەشىر قىلدى، شاڭخەي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ 70%نىڭ" ھەددىدىن زىيادە ئەمگەك" تۈپەيلىدىن يەنى چارچاش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، زىيالىيلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئومرى 10 يىل ئىلگىرىكى 58-59 ياشلاردىن 53، 54 ياشلارغا چۈشۈپ قالغان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا تايانغاندا، مۇتەخەسسىسلەر ئەگەر زىيالىيلارنىڭ دىققەت قىلمىسا، ئۇلارنىڭ ئۈچتىن –ئىككى قىسىمىنىڭ مېڭە قان تومۇرلىرى كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن، بەشتىن بىرىنىڭ تاماكا كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوپكە كېسەللىكلىرى ۋە دىئابىت ھەم ھەددىدىن ئارتۇق ئەمگەك ۋە باشقا كېسەللىكلەردىن ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشقان.
نىيورك شەھىرىدىكى كولومبىيە ئۇنىۋەرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور مۇھەممەد ئىمىننىڭ ئېيتىشىچە، ھەددىدىن زىيادە چارچاش يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى ۋە ئۇنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىكى مۇھىم ئامىللاردىن بىرىدۇر. بۇ تۇرمۇش ئادىتى، ئەرسىيەت ھەم يېمەك –ئىچمەك بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ياخشى تۇرمۇش شارائىتىدىن كېلىپ چىققان مايلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش خىتاي زىيالىيلىرىدا يۈرەك، مەڭە قان تومۇرلىرى ۋە باشقا خىل كېسەللىكلىرىنىڭ كۆپىيىشىدىكى ئامىللارغا ئايلانغان. 50-60-يىللاردا بۇ خىل كېسەللىكلەر خىتايلاردا ئاز كۆرۈلگەن بولسا، ھازىر كۆپىيىپ كەتكەن.
بب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە پەقەت ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى مۇتەخەسسىس، پروفېسسورلاردىن 134 ئادەم ھەددىدىن ئارتۇق ئەمگەكنى ئوز ئىچىگە ئالغان كېسەللىكلەر تۈپەيلىدىن ۋاپات بولغان. جۇڭگو زىيالىيلىرىنىڭ خىزمەت، روھىي بېسىم ۋە تۇرمۇش بېسىمى ئېغىر بولۇش خەۋىپىگە دۇچ كەلمە.
ئۇنداقتا، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قانداق بېسىملارغا دۇچ كەلمەكتە؟ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتاي زىيالىيلىرى دۇچ كەلگەن ئەنە شۇنداق تۈرلۈك بېسىملاردىن باشقا يەنە ئۆزگىچە قوش بېسىملارغا دۇچ كەلمەكتە، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى جۈملىدىن ئوقۇتقۇچىلارغا قويۇلىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىدىن كېلىپ چىققان خەنزۇ تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشتىكى قاتتىق ئۆلچەم ۋە بۇ بەلگىلىمىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشسىز قېلىش، دەرس ئوتۇشتىن توختىتىلىش ھەم باشقىلارمۇ ئەغىر بېسىملىق رولىنى ئوينىغان.
ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي بېسىملاردىن باشقا يەنە سىياسىي بېسىملارمۇ مەۋجۇت بولۇپ مەسىلەن، ئۆزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مىللىي، سىياسىي ھەم مەدەنىيەت تەڭپۇڭسىزلىقلىرىنى ئاشكارا ئىپادىيەلمەي، بۇرۇختۇرما بولۇش، ئەگەر ئۇنى ئاشكارىلىسا تەنقىدكە ۋە جازاغا يولۇقۇش ۋەھاكازالار.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەنە شۇنداق ھەددىدىن ئارتۇق ئەمگەك تۈپەيلىدىن خىتاينىڭ ئاتاقلىق رەسسامى ۋە رېجىسسورى چېن يىفېي 59 يەشىدا تۇيۇقسىز ۋاپات بولغان.