گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار 12-نويابىر جۇمھۇرىيەت كۈنى قانداق ئۆتكۈزدى؟
2012.11.13
دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئاساسلىرى ھەققىدە ئىزدىنىشلەر مۇھاكىمە قىلىندى. بۈگۈنكى، ۋەزىپىمىز نېمە؟ دېگەن تېمىدا مۇنازىرە ۋە تەھلىل ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
«ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەزكۇر پائالىيەت گوللاندىيىنىڭ ئۈترىخت ۋىلايىتىدىكى بىر زالدا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىدىن ئابدۇرېھىم ئەپەندى بۇ پائالىيەتكە كېلىشتىن مەقسەت-مۇددىئالار ھەققىدە توختىلىپ،«بۈگۈن 12-نويابىر، يەنى 1933-يىلى ۋە 1944-يىلىنىڭ 12-نويابىر كۈنىدە ئەزىز خەلقىمىز ئارقا-ئارقىدىن 2 مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىنى ئېلان قىلىپ، پۈتۈن دۇنياغا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش، ھۆر ياشاش ئىقتىدارىغا ۋە يۈكسەك دېموكراتىك ئاڭغا ئىگە بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان بىر كۈن. بۇ ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنى ھەر زامان ياد ئېتىپ تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ غايىۋانە روھىغا ۋارىسلىق قىلىش ھەربىر شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ باش تارتىپ بولماس مەجبۇرىيىتى.» دېدى.
ئۇ يەنە بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى:
- بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى بىزنىڭ پىكىر بىرلىكىمىزنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.
- تارىخىمىز ۋە ئەجدادلىرىمىز ھەققىدە بىلىم ھاسىل قىلىپ، ئۆزىمىزدىكى مىللىي روھنى ئويغىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلىنىمىز.
- يېتىلىۋاتقان ئەۋلادلىرىمىزدا مىللىي كىملىكىمىز ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى تۇرغۇزۇشقا مۇۋەپپەق بولىمىز.