ئىككى كورىيە ئوتتۇرىسىدا يېرىم ئەسردىن كېيىن پويىز قاتنىدى

0:00 / 0:00

12- ئاينىڭ 11 ‏- كۈنى، جەنۇبىي كورىيەنىڭ گۈلدەستە بىلەن بېزەلگەن 12 ۋاگونلۇق يۈك پويىزى شىمالىي كورىيىگە كىردى. بۇ 1950 ‏- يىلى ئىككى كورىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلاپ ئالاقە ئۈزۈلگەندىن كېيىن پەيدا بولغان تۇنجى يېڭىلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، جەنۇبىي كورىيىدىن شىمالىي كورىيىگە بارىدىغان يۈك پويىزىنى ھەربىيلەر ۋە دۆلەت پۇقرالىرى يول بويىدا سەپ تارتىپ، گۈلدەستە تۇتۇپ ئالقىشلاپ ئۇزۇتۇپ قويدى. بۇ يۈك پويىزى شىمالىي كورىيىگە 25 كىلومېتىر ئىچكىرىلەپ كىرىپ، شىمالىي كورىيىنىڭ سانائەت رايونى ئۈچۈن كېرەكلىك قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن. ئۇ قايتىپ كەلگەندە شىمالىي كورىيىدىكى كايسوڭ سانائەت رايونىدىن ئاياق قاتارلىق مال ئېلىپ كېلىدىكەن.

ئىككى كورىيىنى ئۇرۇش بۆلۈۋەتكەن، تىنچلىق يېقىنلاشتۇرماقتا

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە 1950 ‏- يىلى جەنۇبىي كورىيىگە ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ بىر نەچچە يىلغىچە ئۇرۇش ھالىتىدە تۇردى. 1953 ‏- يىلى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىنمۇ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئىجتىمائىي تۈزۈم ئىككىگە ئايرىپ تۇردى. 2000 ‏- يىلى ئىككى كورىيە رەھبەرلىرى تۇنجى قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

بۇ يىل 10 ‏- ئاينىڭ 4 ‏- كۈنى، جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنتى رومۇخيۇن بىلەن شىمالىي كورىيە رەئىسى كىم يوڭئېل سۆھبەت ئارقىلىق 'ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى تىنچ تەرەققى قىلدۇرۇش خىتابنامىسى' ئېلان قىلدى. ئۇزۇن يىللىق تىرىشچانلىق ئارقىلىق ھازىر ئىككى كورىيە ئوتتۇرىسىدا يۈك پويىزى قاتنىدى. بۇنىڭدىن كېيىن يولۇچىلار پويىزى قاتنايدۇ. بۇ ئارقىلىق ئىككى كورىيىنىڭ بىرلىككە كېلىپ ئورتاق تەرەققى قىلىشىدىن ئۈمىد كۆرۈنمەكتە. جەنۇبىي كورىيە تەرەپ بۇ قېتىم باشلانغان پويىز قاتنىشىنىڭ سېبىرىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا تۇتاشتۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

پويىز قاتنىغاندىن كېيىنلا ئىككى كورىيە ئوتتۇرىسىدا گېنېرال دەرىجىلىك ئەمەلدارلار سۆھبەت ئۆتكۈزدى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 13 ‏- دېكابىر كۈنى پانمۇنجون شەھەرچىسىدىن خەۋەر قىلىشىچە، يېرىم ئەسردىن بۇيان ئىككى كورىيىنىڭ ئالدىنقى سېپى بولۇپ كېلىۋاتقان 38 ‏- پاراللېل سىزىقىدىكى پانمۇنجون شەھەرچىسىدە بۈگۈن ئىككى تەرەپنىڭ گېنېرال دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلدى.

جەنۇبىي كورىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شىمالىي كورىيە تەرەپ بۇ سۆھبەتتە جەنۇبىي كورىيە ئىشچىلىرى ۋە ساياھەتچىلىرىنىڭ چېگرىدىن ئۆتۈش رەسمىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇشقا؛ شىمالدىكى كايسوڭ سانائەت رايونىدا ۋە سېرىق دېڭىز قىرغىقىدىكى چەكلەنگەن رايونلاردا كىشىلەرنىڭ ئىنتېرنېتتىن، سىملىق ۋە سىمسىز تېلېفون مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىشىغا قوشۇلدى. بۇ سۆھبەتتە يەنە، ئالدىنقى سەپتىكى شەھەرچىلەردە قوللىنىلىدىغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى مەسىلىسىدە ۋە يېرىم ئەسردىن بۇيان تەۋەلىك مەسىلىسى تالاش-تارتىشتا تۇرۇۋاتقان، ھەتتا قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن دېڭىز يۈزىدە بېلىق تۇتۇش مەسىلىسىدە جەنۇبىي كورىيە خەلققە ئاسانلىق تۇغدۇرۇش ھەققىدە يېڭى كېلىشىم ھاسىل قىلىندى.

ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورىيە ئوتتۇرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئالاقە قىلىشنىڭ تەييارلىقى تېخى پۈتمىدى

ب ب س نىڭ بۈگۈن خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە ھازىر ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورىيە مۇناسىۋىتىدە ياخشىلىنىش پەيدا بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايس خانىم بۈگۈن ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورىيە ئوتتۇرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئالاقە قىلىشنىڭ تەييارلىقى تېخى پۈتمىگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن شىمالىي كورىيە يادرو قوراللىرى پىلانلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى تەپسىلىي ئاشكارىلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.

شۇنداقلا يەنە، نيۇيورك فىلارمونىك ئوركىستېرىنىڭ شىمالىي كورىيىگە بېرىپ ئويۇن قويۇشىغا رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى ئالقىشلايدىغانلىقىنى، بۇنداق ئالىي دەرىجىلىك مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتىن كەلگۈسىدە يېڭى ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىككى كورىيە مەسىلىسىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى

خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، 1943 ‏- يىلى 12 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنى خىتاي، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە "قاھىرە خىتابنامىسى" ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا كورىيىنى ياپونىيىدىن مۇستەقىل قىلىش نىشانى بەلگىلەنگەن ئىدى. ئامېرىكا بۇ ۋاقىتتا ياپونىيىنى تەسلىم قىلدۇرۇشنى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلغان ئىدى. 1945‏- يىل 2 ‏- ئاينىڭ 4 ‏- كۈنىدىن 11 - كۈنىگىچە داۋاملاشقان يالتا يىغىنىدا سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگىلىيە، ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ دۆلەت باشلىقلىرى موڭغۇلىيە، كورىيە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلەردە مەخپىي كېلىشكەندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى 1945 ‏- يىلى 8 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنى ياپونىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىشنى باھانە قىلىپ كورىيىنىڭ شىمال تەرىپىگە ئەسكەر كىرگۈزدى. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ كورىيە يېرىم ئارىلى ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئىككى كورىيە ئوتتۇرىسىدا 38‏- پاراللېل سىزىقى پەيدا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندا سوۋېت ئىتتىپاقى بۇنىڭغا قوشۇلدى.

ياپونىيە 1945 ‏- يىلى 9 ‏- ئاينىڭ 2 ‏- كۈنى تەسلىمنامىغا ئىمزا قويغاندىن كېيىن، 1948 ‏- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى شىمالدىن، ئامېرىكا جەنۇبتىن ئەسكەر چېكىندۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن كورىيىدىكى ئىككى ھۆكۈمەت بىر-بىرىنى ئېتىراپ قىلمىدى. شىمالىي كورىيە 1950 ‏- يىلى 6 ‏- ئاينىڭ 25 ‏- كۈنى جەنۇبىي كورىيىگە قارشى ئۇرۇش قوزغىدى. كوممۇنىست خىتاي ئارمىيىسى شىمالىي كورىيىنى قوللاپ ئۇرۇشقا ئارىلاشقاندىن كېيىن، 27 ‏- كۈنى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى 16 دۆلەتتىن تەشكىللەنگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئارمىيىسى سوتسىيالىزمنىڭ كېڭىيىشىنى چەكلەش ئۈچۈن ئۇرۇشىغا ئارىلاشتى.

1953 ‏- يىلى 7 ‏- ئاينىڭ 23 ‏- كۈنى، كوممۇنىست خىتاي ئارمىيىسى بىلەن شىمالىي كورىيە بىر تەرەپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئارمىيىسى بىلەن جەنۇبىي كورىيە يەنە بىرتەرەپ بولۇپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئۇرۇش توختىدى. ئىككى كورىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇنلىقى 241 كىلومېتىر، كەڭلىكى 4 كىلومېتىرلىق ئۇرۇشتىن خالى رايون شەكىللەندى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى كورىيە بىر-بىرىنى چېگرىدىن ئۆتكۈزمىدى. 1991 ‏- يىلىغا كەلگەندە، بۇ ئىككى كورىيە ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىردى. بۇنداق ھالەت ئون نەچچە يىل داۋاملاشقاندىن كېيىن، ھازىر قارشىلىشىشتىن تىنچلىققا ۋە بىرلىشىشكە قاراپ قەدەم باستى. (ۋەلى)