بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم ھەققىدە قوزغالغان بەس-مۇنازىرە


2007.07.02

خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 7 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنى، خوڭكوڭنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 'بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم' دېگەن سىياسىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە 'ئىككى خىل تۈزۈم'نىڭ ئالدىنقى شەرتى 'بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە 'بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم' دېگەن سىياسەتنىڭ خوڭكوڭدا ئاللىقاچان بىر ئەمەلىيەتكە ئايلانغانلىقىنى، بۇ ئەمەلىيەت خىتاي ھۆكۈمىتىنى قىممەتلىك تەجرىبىلەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى، بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدا بۇ تۈزۈمنى يولغا قويۇش ئىرادىسى ئاشقانلىقىنى مەدھىيىلىدى. بۇنىڭدىن كېيىن، خوڭكوڭلۇقلار ۋە تەيۋەنلىكلەر ئارىسىدا 'بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم' دېگەن سىياسەتنىڭ ئەمەلىيىتى ھەققىدە بەس-مۇنازىرە قوزغالدى.

خۇ جىنتاۋ خوڭكوڭدا يۈرگۈزگەن 'بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم' دېگەن سىياسەتنىڭ ئەمەلىيىتى قارشى نامايىشنى كۆرۈشكە جۈرئەت قىلالمىدى

رادىئومىزنىڭ خوڭكوڭدىكى مۇخبىرلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ خوڭكوڭدا تەبرىكلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان كۈنى، ئەتىگەن سائەت 8 دىن باشلاپلا خوڭكوڭ ئاھالىلىرىنىڭ جىنزىجىڭ مەيدانى تەرەپكە ئۆتۈشى چەكلەنگەن . تەيۋەندىن كەلگەن ساياھەتچىلەردىن بىر نەچچە يۈز كىشى 'فالۇنگوڭ' دەپ گۇمانلىنىپ چېگرىدىن كىرگۈزۈلمىگەن. تەبرىكلەش پائالىيىتىگە پەقەت خوڭكوڭ ئەمەلدارلىرىدىن بىرنەچچە يۈز كىشىلا قاتناشقان.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ كۈنى خوڭكوڭدا 68 مىڭ كىشىلىك نامايىش بولغان. نامايىشقا خوڭكوڭنىڭ سابىق مەمۇرىي مەھكىمە باشلىقى چېنفاڭ ئەنسېڭ، تەيۋەن ئۇچۇر ۋاستىلىرى گۇرۇھىنىڭ باشلىقى لى جىژيىڭ، خوڭكوڭدىكى باش كاتولىك دىندارى چېن رىجۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى جاسۇس دەپ قاماپ قويغان چېڭ شاڭنىڭ خوتۇنى قاتارلىق سەزگۈر ئەربابلارمۇ قاتناشقان.

ھەتتا خوڭكوڭدا ھۆكۈمەت مەبلىغىغە تايىنىدىغان ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىمۇ قاتناشقان. 'بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم ' دېگەن سىياسەتنىڭ ئەمەلىيىتىنى كۆرۈپ بېقىشنى 10 يىلدىن بۇيان كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان 75 ياشلىق چېن ئەپەندىمۇ بوسۇغىسىدىن ئاتلاپ چىقىپ نامايىشقا قاتناشقان. بۇ كۈندىكى ھەيۋەتلىك نامايىشتا 'بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈمنى باستى' ، 'ئەدەپ، ئەخلاق، نومۇس يوقالدى' ، 'ئاجىزلارنى بوزەك قىلىش ئەۋج ئالدى'، 'ئومۇم سايلام يولغا قويۇلسۇن'، 'خوڭكوڭ ئالاھىدە رايون ئاساسىي قانۇنىدا: 'خوڭكوڭنىڭ باشلىقىنى ھەر بىر ئادەم بىردىن بىلەت تاشلاپ سايلاپ چىقىدۇ، دەپ بەلگىگەن، بۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن يول قويمايدۇ ' دەپ يېزىلغان شۇئار -لوزۇنكىلار بار . ئەپسۇسكى، خۇ جىنتاۋ بۇ نامايىشنى‏ - كوممۇنىست پارتىيە خوڭكوڭدا يۈرگۈزگەن 'بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم' دېگەن سىياسەتنىڭ ئەمەلىيىتىگە قارشى نامايىشنى كۆرۈشكە جۈرئەت قىلالمىدى.

'جەنۇبتىكى ھەپتە ئاخىرى' گېزىتى كوممۇنىست ھۆكۈمىتى چەكلىگەن سىزىقتىن چىقىپ كەتتى

خىتاي ھۆكۈمىتى 10 يىلدىن بۇيان چوڭ قۇرۇقلۇقتا ، خوڭكوڭدا يولغا قويۇلغان 'بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم' دېگەن سىياسەتنىڭ 'نەتىجىلىرى'نىلا تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتاتتى. ھۆكۈمەت ئادەتتە خوڭكوڭنىڭ رادىئو-تېلېۋزىيە قاناللىرىنى شېنجېن، گۇاڭجۇلاردا خەلققە كۆرسەتمەيتتى. ئىچكى ئۆلكىلەردىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭمۇ ھەقىقىي خوڭكوڭنى كۆرۈپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەيتتى. ئەمما 'جەنۇبتىكى ھەپتە ئاخىرى' بېيجىڭ ھۆكۈمىتى چەكلىگەن سىزىقتىن چىقىپ كەتتى.

خوڭكوڭلۇقلار يەنىلا بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇنقى دېموكراتىيىگە ئادەتلەنگەن خوڭكوڭلۇق ئىكەنلىكىنى، خوڭكوڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سىياسىي كۆز قارىشى ئوخشاش بولمىغان ئەربابلار ھۆكۈمەتكە پىسەنت قىلماي، 4 ‏- ئىيون ۋەقەسى ھەققىدىكى پائالىيىتىنى توختاتمىغانلىقىنى، فالۇنگوڭچىلار بارغانسېرى قەتئىيلىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇلار خوڭكوڭ ئاھالىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىئانىسىگە ئېرىشىۋاتقانلىقىنى، پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان گەپ چىقسا، ئۇلار 'ئىككى خىل تۈزۈم' دېگەن بېيجىڭ بىلەن ئوخشىمايدۇ دېگەن گەپ، قايسى قانۇنغا ئاساسەن چەكلەيسەن؟ دەپ دەرھال ئۆكتى چىقىدىغانلىقىنى تەپسىلىي بايان قىلدى.

مەزكۇر گېزىتتە بايان قىلىنىشىچە، ئەمەلىيەتتە ھازىر خوڭكوڭنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا بېرىۋاتقان تەسىرى، ئۈلگىلىك رولى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدا پەيدا قىلىۋاتقان تەسىرىدىنمۇ كۈچلۈك بولماقتا.

ئىگىلىك ھوقۇقى بولمىسا ئەركىنلىككە، دېموكراتىيىگە ئېرىشەلمەيدۇ

خۇ جىنتاۋنىڭ خوڭكوڭدا قىلغان سۆزىدىن كېيىن، ئىنتېرنېتتە بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈن دېگەن سىياسەت ھەققىدە بەس -مۇنازىرە قوزغالدى.

تەيۋەننىڭ جاڭمېن شەھىرىدىكى چېن ئەپەندى ئوبزورىدا 'مەن پرېزىدېنت چېن شۇيبيەننىڭ "ئىگىلىك ھوقۇق بولمىسا، دېموكراتىيە بولمايدۇ" دېگەن سۆزىنى قۇۋەتلەيمەن، ئىگىلىك ھوقۇق يوق خەلقنىڭ گەپ قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ، پەقەت كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭلا گەپ قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 'بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم' دېگەن سىياسىتى تەيۋەنگە ماس كەلمەيدۇ' دەپ يازغان.

تەيۋەننىڭ خۇيجۇ شەھىرىدىكى ياڭ ئەپەندىنىڭ ئوبزورىدا 'بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم دېگەن سىياسەتنىڭ ئەمەلىيىتىنى خوڭكوڭدا كۆردۇق. خوڭكوڭ خەلقىنىڭ سايلام ھوقۇقى چەكلەندى. خوڭكوڭنى خوڭكوڭلۇق ئۆزى ئىدارە قىلىش ئەمەس، بەلكى، بېيجىڭلىق خوڭكوڭنى ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت بولدى، مانا بۇ ئەمەلىيەت' دەپ يازغان.

ئىدىيە، تىل چەكلەنسە مىللەتكە بالايى- ئاپىتى كېلىدۇ

يېڭى ئەسر ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان 'تىل چەكلەنسە، مىللەتكە بالايى -ئاپەت كېلىدۇ ' سەرلەۋھىلىك ئوبزوردا، خىتايدا نېمە ئۈچۈن پەن-ئىلىم ۋە دېموكراتىيە يوقلۇقى؛ نېمە ئۈچۈن ئىنسانىيەتكە بەخت ئېلىپ كەلگەن ئەڭ ئېسىل مەنتىقە خىتايدا ئەمەس، قەدىمكى رىمدا ئىجاد قىلىنغانلىقى؛ نېمە ئۈچۈن تەبىئىي پەن ئىنقىلابى ۋە سانائەت ئىنقىلابى خىتايدا ئەمەس، بەلكى ئەنگلىيىدە پەيدا بولغانلىقى؛ نېمە ئۈچۈن پىكىر ئەركىنلىكى خىتايدا ئەمەس، بەلكى ياۋرۇپادا ئالدى بىلەن ئەمەلگە ئاشقانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىنغان.

بۇ ئوبزوردا ، بىر نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيىتى بار دېيىلىۋاتقان خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان زەھەرلىك ئامىللارنىڭ ‏-‏-‏- كونىغا چوقۇنۇش، ئەمەلدارغا چوقۇنۇش، شەخسىنىڭ ھاكىممۇتلەقلىقىگە ۋە مۇستەبىتلىكىگە تايىنىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. بۇنى يوق قىلىش ئۈچۈن پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلەشكە قارشى تۇرۇش لازىملىقى تەكىتلەنگەن.

مەزكۇر ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، ئىدىيە ئادەمنىڭ روھى، تىل جەمئىيەتنىڭ روھى. ئىدىيە بوغۇلسا ئادەمنىڭ روھى ئازاپلىنىدۇ، تىل چەكلەنسە جەمئىيەتتە زۇلۇم داۋام قىلىدۇ. ئادەم ئازاپ ئۈچۈن يارىتىلمىغان. ئىنسانىيەتتىكى ئەڭ ئۇلۇق نەرسە ئەركىنلىكنى ئۆزى قولغا كەلتۈرۈش. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.