ئىككى چوڭ يىغىننىڭ سىرتىدا ھۆكۈمەت ساقچىلىرى خەلققە داۋاملىق زوراۋانلىق قىلماقتا

0:00 / 0:00

ئۆز مۇخبىرىمىزنىڭ خىتايدىن خەۋەر قىلىشىچە، بىر نەچچە كۈندىن بىرى بېيجىڭدە ئىككى چوڭ يىغىن ئېچىلىۋاتقان ئورۇننىڭ ئەتراپىدا، ھۆكۈمەت ساقچىلىرىنىڭ خۇسۇسى ئىش بىلەن يولدىن ئۆتكەن ياكى ساياھەت قىلىدىغان خەلقلەرگە قارىتا قوللىنىۋاتقان توساش - چەكلەش، سوراق قىلىش، يانلىرىنى ئاختۇرۇش، تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى ناھايىتى سۈرلۈك بولماقتا.

ئۇلارنىڭ ئاساسلىق تۇتقۇن قىلىش نىشانى ھۆكۈمەتكە دەرت ئېيتقىلى كەلگەن خەلق ياكى فالۇنگوڭچە نەپەس مەشقى قىلىدىغان خەلق. تىەنئەنمېن مەيدانىنىڭ ئەتراپىغا كەلگەنلىكى كىشىلەرنى ساقچىلار توسۇپ سوراق قىلىدۇ. ئادەم تۇتۇش بۇيرۇقىنى ساقچىلار نەق مەيداندىلا ئۆزلىرى يازىدۇ.

ساقچى پونكىتلىرى تۇتقۇن قىلىنغان ئادەملەر بىلەن تولۇپ كەتكەن

"بوشۈن" تور بېتىدە بايان قىلىنىشىچە، دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭنىڭ ساقچى پونكىتلىرى تۇتقۇن قىلىنغان ئادەملەر بىلەن تۇلۇپ كەتكەن. مۇخبىرىمىز بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ ئادەم تۇتۇش مەسىلىسى ھەققىدە سۇئال سورىسا ، ساقچى ئىدارىنىڭ خادىمى "سەن بېيجىڭ شەھەرلىك ئاخبارات ئىدارىسىنى ئىزلىسەڭ مۇۋاپىق بولاتتى" دېگەن ۋە ئادەم تۇتۇش دېگەن گەپتىن بەكلا ئېھتىيات قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ "ئادەم تۇتتى" دېگەن سۆزنى قۇلىقىمىز ئاڭلىمىسۇن" دېگەن.

ئەرزىيەت مەھەللىسىدە تۇرىۋاتقان بەي فامىلىلىك ئايالنىڭ مۇخبىرىمىزغا ئېيتىپ بېرىشىچە، تۈنۈگۈن 300 ئادەم قايتىپ كەلمىگەن، ئۇلار تۇتۇپ كىتىلگەن. ئۇ ئايال بىلەن بىر ئۆيدە تۇرغانلاردىن 4 كىشى قايتىپ كەلمىگەن. ئۇنىڭ ئالدىدا بۇ مەھەللىگە ئەرز ئېيتقىلى كەلگەنلىكى ئادەمنى بىراقلا تۇتۇپ كەتكەن ئىكەن. بەزى كىشىلەرنى تىزىمغا ئېلىپ بولغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىپتۇ. ئەرىز قىلغىلى كەلگەنلەر دوڭگاۋدى، ماجاپو دېگەن جايلاردا كۆپرەك تۇرىدكەن، بۇ جايلاردىن تۇتۇپ كېتىلگەنلەر ناھايىتى كۆپ ئىكەن.

ئەرز قىلغىلى كەلگەن لىۇ فامىلىلىك ئايالنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىندا ئەرزىيەتچىلەر كوللىتىپ ھالدا تىەنئەنمېن مەيدانىدىكى جىنشۇي كۆۋرۈكىدىن سۇغا سەكرىۋالغان ۋاقە يۈز بەرگەن ئىدى.

قۇتقۇزىۋېلىنغان كىشىلەر ساقچىلارغا بىز ھۆكۈمەتكە دەرت ئېيتقىلى كەلگەن، كىرگۈزمىدى، شۇڭلاشقا سۇدا ئېقىپ كېرەيلى دەپ ئويلىغان ئىدۇق، دېگەن. مۇخبىرلار ۋېن جاباۋغا بۇ ھەقتە سۇئال قويغاندىن كېيىن، ھازىر ئەھۋال بىر ئاز ئۆزگەردى. دۆلەت كابىنىتىنىڭ ئەرزىيەت ئىشخانىسى قايتىدىن ئېچىلدى، ئەمما ئۇ ئورگان بەكلا باس - باس، ئىچىگە كىرگىلى بولمايدۇ. كىرەلىگەنلەرنى شۇ ئىدارىنىڭ ئىچىدىن تۇتۇپ كېتىدىغان ئەھۋالمۇ بار.

ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى

مۇخبىرىمىزنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئايال سەيشەنبە كۈنى ئالى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا، ساقچىلار خەلققە زوراۋانلىق قىلغان بىر ئەھۋالنى كۆرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ساقچىلار بىر ئايالنى تۇتقۇن قىلغاندا، كۆپچىلىك ئۇنى قوغدىغان، خەلق ساقچى ماشىنىلىرىغا "ساقچىلار باندىت" دەپ يېزىپ قويغان. .

بىردەملىك قاتتىق ئېلىشىشتىن كېيىن، ساقچىلار ئۇ ئايالنى ھامان تۇتۇپ كەتكەن. نەق مەيداندىن ئېلىنغان ئاۋاز لىنتىسىدا مەلۇم بولۇشىچە، ساقچىلار ئالدى بىلەن تيەنەنمېن مەيدانىغا كىتىۋاتقان بىر ئايالنى توسىۋالغان. ئۇنىڭ ئەرىز قىلغىلى كەلگەن ياكى ئەمەسلىكىنى ۋە ياكى فالۇنگوڭچى ياكى ئەمەسلىكىنى سۈرۈشتۈرگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن كىملىك كىنىڭكىسىنى تەكشۈرمەكچى بولغان. ئۇ ئايال ساقچىدىن دۆلەتنىڭ بىر پۇخراسى ھۆكۈمەتكە ئەرىز قىلغىلى كەلسە ياكى نەپەس مەشقى قىلسا ياكى تىئەنئەنمىن مەيدانىغا سەيلى قىلغىلى كەلسە قانۇنغا خىلاپ بولامدىكەن، ساقچىلارمۇ گۇمپا مەشىق قىلىسلەرغۇ، كىملىك كىنىشكىسىنى ئالماي كەلسە نېمە بولىدىكەن، تىئەنئەنمېن مەيدانىنى سەيلى قىلىش قانۇنسىزلىقمىكەن، دەپ سورىغان. ھەتتا نوچى بولساڭ مىنى مۇشۇ يەردە ئېتىپ تاشلا، دەپ ۋاقىرىغان. مۇنازىرە ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا، ساقچىلار شۇ ئايالنى مەجبۇرىي تۇتۇپ كەتكەن. ئۇ ئايال ساقچىلارنى لۈكچەك، ياۋۇز، ئادەم ئۇردى، دەپ ۋاقىرىغان. . (ۋەلى)