خىتايدا ئىككى چوڭ يىغىن ئېچىلىۋاتقاندا جەمئىيەتتە نېمە بولىۋاتىدۇ؟
2006.03.03
"ئامېرىكا ئاۋازى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ چوڭ يىغىنى ئېچىلىش بىلەن تەڭ كېڭەشنىڭ رەئىسى جا چىڭلىن، مۇئاۋىن رەئىسى لۇ خاۋسەيلەر كەينى - كەينىدىن دوكلات بېرىشكە باشلىغان. جا چىڭلىن "دۆلەتنىڭ 11 - بەش يىللىق پىلانى" ھەققىدە ۋە كېلەركى 10 يىل ئىچىدە "ئىناق جەمئىيەت" نى قانداق قۇرۇش توغرىسىدا سۆزلىگەن.
تەيۋەن مەسىلىسى
يىغىندا سۆزلىنىۋاتقان ئۇزۇن دوكلاتلاردا يەنە "مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش داۋاملىق تۈردە 'تەيۋەننى تىنچلىق بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈش'، 'بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم يولغا قويۇش' يۆئۈلىشىنى ئىجرا قىلىدۇ، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق يولىغا مېڭىشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ" دەپ تەكىتلەنگەن.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ يىغىندا ئەڭ كۆپ ئېتىبارغا ئېلىنىۋاتقان مەسىلە دېھقانلار بىلەن شەھەرلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى چوڭ پەرق مەسىلىسى، شۇنداقلا يەنە ھاۋا بىلەن سۇنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسى. يىغىن ئەھلىدىن بەزى كىشىلەر سۇ بۇلغىنىۋەرسە، ئۇنى ئىچكىلى بولمايدۇ، ئىشلەتكىلىمۇ بولمايدۇ؛ ھاۋا بۇلغىنىۋەرسە ئادەم نەپەس ئالالمايدۇ. بۇ مەسىلە دەرھال تەدبىر قوللانمىسا بولمايدىغان مەسىلە، دەپ پىكىر بايان قىلغان.
"شىنجاڭ" ۋەكىللىرى قوش تىللىق ئوقۇتۇشنى تەلەپ قىلىدۇ
"تەڭرىتاغ تور بېتى" نىڭ 2 - مارت كۈنىدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ لېچۇئەن ئۆزىنىڭ "شىنجاڭدا سوتسىئالىزم ۋە ئىناق جەمئىيەت" قۇرىدىغان "ئالى سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە بۇرچى" نى ئاداش قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىككى چوڭ يىغىنغا بارىدىغان ۋەكىللىرىنى باشلاپ بېيجىڭغا كەلگەن. ۋەكىللەردىن ئابدۇللا ئابباس بۇ قېتىم بېجىڭغا "قوش تىللىق مائارىپنى داۋاملىق يولغا قويۇش" ھەققىدىكى كەسكىن تەكلىپىنى ئېلىپ ماڭغان. ئۇلارنى ئۈرۈمچىدە نۇر بەكرى دېگەن كىشىلەر ئايرودرومغا چىقىپ ئۇزۇتۇپ قويغان.
خىتاي ئارمىيىسى ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشى كېرەك
ب ب س نىڭ خىتايدا چىقىدىغان "ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى" 'دىكى ئۇچۇرلارغا ۋە مۇناسىۋەتلىك تور بەتلىرىدە كۆرسىتىلگەن فوتو سۈرئەتلەرگە ئاساسەن تەييارلىغان خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، يىغىن باشلانغاندىن كېيىن گۇئاڭجۇ، چېڭدۇ، شېنياڭ ۋە بېيجىڭ ئۇرۇش رايونلىرى بىرلىكتە قۇرۇقلۇققا چىقىش، ھاۋادىن جىددىي ھۇجۇم قوزغاش، ھەرخىل قىسىملار ئۆز -ئارا ماسلىشىشنى مەزمۇن قىلغان ھەربىي مەشق ئۆتكۈزگەن.
شاڭخەيدىكى 10 نەچچە ئۇچۇر ۋاستىسى تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەننىڭ "دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى بىكار قىلىش قارارى" غا قاتتىق زەربە بېرىش ئۈچۈن جىددىي ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەرنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، مەركىزى ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە مۇئاۋىن رەئىسى شۈ سەيخۇلار "تەيۋەن ھازىر مۇستەقىللىق يولىغا قاراپ خەتەرلىك بىر قەدەم باستى" دەپ كۆرسىتىپ، خىتاي ئارمىيىسى ئالى سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشى كېرەك دەپ تەكىتلىگەن.
ئەرزدارلارنى توسۇش ئۈچۈن نۇرغۇن ساقچى ئاجرىتىلغان
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ 2 - مارت كۈنى بېيجىڭدا نەق مەيداندىن ئالغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرىدىن 620 مىڭ كىشىنى ئىككى چوڭ يىغىننى قوغداشقا سەپەرۋەر قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە پەۋقۇلئاددە ساقچى قىسىملىرىدىن ئاجراتقان ئادەم سانى 12 مىڭ. بېيجىڭغا ئەرز قىلغىلى كەلگەن بىر ئەپەندىگە ساقچىلار 100 يۇئەن پۇل تەڭلەپ، ئۇنى يىغىن مەزگىلىدە سىرتقا چىقماسلىق ئۈچۈن ۋەدە بېرىشكە قىستىغان.
بېيجىڭگە ئەرز قىلغىلى كېلىپ مەلۇم بىر مېھمانخانىدا تۇرىۋاتقان بىر خانىم پىكىر بايان قىلىپ 'خەلق ۋەكىلى دېگەننىڭ ھېچقانداق رولى يوق. ئۇلارغا دەرت ئېيتىش ھاجەتسىز، بىۋاستە خۇ جىنتاۋ، ۋېن جاباۋلارغا دەرد ئېيتىش كېرەك. ئۇلارمۇ يىغىنغا كېلىدۇ، ئۇلارنى خەلق سارىيىنىڭ ئالدىدا توسىۋېلىپ، بىۋاستە دەرت ئېيتىش كېرەك، قالغىنى بىكار " دېگەن.
بېيجىڭدا ئولتۇرۇشلۇق سىياسىي مۇلاھىزىچى ليۇ شاۋبو ئەپەندى پىكىر بايان قىلىپ "بۇنداق ئىككى چوڭ يىغىننى ئاچقان بىلەن ئاچمىغاننىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق. بۇنداق يىغىننى ئېچىش خەلق باج تاپشۇرغان پۇلنى ئىسراپ قىلغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. خەلق باج تاپشۇرغان پۇلنى ھۆكۈمەتنىڭ قانداق ئىشلەتكەنلىكىنى خەلق قۇرۇلتىيى ئەزەلدىن تارتىپ سۈرۈشتۈرۈپ باققانمۇ ئەمەس. ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەت مۇشۇ ئىككى يىغىن مەزگىلىدە ساقچىلارنى سەپەرۋەر قىلىشقا ئىشلەتكەن پۇل خەلق باج تاپشۇرغان پۇل. بۇ، خەلقنىڭ پۇلىنى خەجلەپ خەلقنى باستۇرۇشتىن ئىبارەت" دېگەن.
دېھقانلار مەسىلىسىنى تەكشۈرىۋاتقان ئادۋوكات گاۋ جىچېڭنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ بۈگۈن سىرتقا چىققاندا ئۇنى قوغلاپ پاراكەندە قىلغان 16 ئاپتوموبىلنىڭ ئىچىدە 11ئىنىڭ ۋىۋىسكىسى يوق. بەزىلىرى ئۇنىڭ يېنىغا ناھايىتى تىز سۈرئەت بىلەن كېلىپ قاتتىق تورمۇز قىلىش شەكلى بىلەن تەھدىت سالغان. بەزىلىرى سىجىل يانداپ ماڭسا، بەزىلىرى سىجىل كەينىگە كىرىۋالغان. (ۋەلى)