ئىككى چوڭ يىغىن بىلەن خەلقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ناھايىتى ئېنىق


2006.03.06
IKKI-YIGHIN.jpg
6-مارت كۈنى، ساقچى تيەنئەنمىن مەيدانىغا كىرگەن بىر كىشىنىڭ سومكىسىنى ئاختۇرماقتا.. AFP

"كۆزىتىش جۇرنىلى" نىڭ 4 ‏-مارت كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىن غان "ئىككى يىغىن بىلەن خەلقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ناھايىتى ئېنىق" سەرلەۋھىلىك ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ چوڭ يىغىنىغا 3000 ئادەم خەلققە ۋەكىل بولۇپ ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ چوڭ يىغىنىغا بولسا 2200 نەپەر ئەزا كەلگەن. دۆلەتنىڭ مۇشۇنداق "ئەتىۋالىق كىشىلىرى" دىن جەمئى 5200 نەپەر ئادەم ھازىر بېيجىڭدا ئىككى چوڭ يىغىننى ئېچىۋاتىدۇ. بۇ ئىككى چوڭ يىغىننى 15 مىڭ قوراللىق ساقچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 620 مىڭ ئادەم قوغداۋاتىدۇ. بېيجىڭدا بۇ ئىككى چوڭ يىغىنغا دائىر مۇھىم نۇقتىلارنى 12 مىڭ قوراللىق ساقچى كۆزەت قىلىپ ساقلاۋاتىدۇ. خەلقنىڭ دەرد-ئەرزىنى تەكشۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئادۋۇكات گاۋ جىچېڭ ئەپەندىنى بىخەتەرلىك خادىملىرىدىن ئاز دېگەندە 10 نەپەر كەسپىي خادىم نازارەت قىلىۋاتىدۇ. سىياسىي مۇلاھىزىچى ليۇ شاۋبو ئەپەندىنىڭ تۇرالغۇسىنىڭ ئەتراپىدىمۇ قاتمۇ-قات پوست بار. "ۋەكىللەر" چۈشكەن مېھمانخانىلارغا سىرتتىن تېلېفون ماڭمايدۇ. بۇنداق مېھمانخانىلارنىڭ ئىچىدىكى بانكىلارغىمۇ سىرتتىن بىركىم كىرەلمەيدۇ. بۇنداق ئىككى يىغىننىڭ دائىرىسىدىن يىغىن مۇلازىمىتى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان 800 دىن ئارتۇق چوڭ -كىچىك ئاپتوموبىلدىن باشقا ھەر قانداق ئاپتوموبىل ئۆتەلمەيدۇ. دېمەك، بېيجىڭدىكى ئىككى چوڭ يىغىن بىلەن مەملىكەتتىكى پۈتۈن خەلق ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق باغلىنىش ياكى مۇناسىۋەت يوق، بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ناھايىتى ئېنىق ئايرىلغان.

يىغىندىن بۇرۇنقى تۇتقۇن قىلىش

بۇ ئىككى چوڭ يىغىن ئېچىلىشتىن 20 كۈن بۇرۇن، خىتاي ھۆكۈمىتى 1640 پارچە دېلو پاش قىلىپ، 1352 نەپەر گۇماندار شەخسنى تۇتۇپ، "ئەمدى جەمئىيەت ئامانلىقى ناھايىتى ياخشى بولدى" دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە ھەر كۈنى دېلو پاش قىلىۋاتىدۇ، ئادەم تۇتۇۋاتىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ "يىراققا نەزەر " دېگەن ھەپتىلىك گېزىتىنىڭ 9 ‏- سانىدا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2006 ‏- يىلى كىرگەندىن بۇيان داۋاملىق تۈردە "قاتتىق زەربە بېرىش" دېگەن قانۇنسىز سىياسىي ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. "قاتتىق زەربە بىرىش" دېگەننى ئەينى ۋاقىتتا دېڭ شاۋپىڭ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىر ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ چارە 23 يىل داۋاملاشتى. ئەينى ۋاقىتتا دېڭ شاۋپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان "شاۋكاڭ جەمئىيەت" بىر قىسىم كىشىلەر ئۈچۈن ئاللىقاچان قۇرۇلۇپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ سۈيۈملۈك جۇڭگو يېزىلىرىدا يەنە 40 مىليون ئادەم نامراتلىق ئىچىدە تۇرماقتا.

ئاخبارات جەھەتتىكى كونتروللۇق

"تەڭرىتاغ تور بېتى" نىڭ 4 ‏- مارت كۈنىدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى چوڭ يىغىن جەريانىدا، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزى تېلېۋىزىيە ستانسىسى، نېفىت گېزىتى قاتارلىق كۆپلىگەن ئۇچۇر ۋاستە ئورگانلىرى شىنجاڭ ۋەكىللىرىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە گېرمانىيە ئاۋازى، ياپونىيىنىڭ ن ھ ك ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ سورايدىغان سۇئاللىرىنىمۇ ئالدىن يېزىپ تاپشۇرغان چەتئەل ئۇچۇر ۋاستە ئورگانلىرىمۇ ھازىرغا قەدەر ئۆچىرەت كۈتۈپ تۇرماقتا. ئەمما تەڭرىتاغ تور بېتى بۈگۈنگە قەدەر پەقەت ۋاڭ لېچۇئەننىڭلا گۇرۇپپا يىغىنىدا قىلغان سۆزىنى ئېلان قىلدى. ئۇ "پۈتۈن مەملىكەتتە دېھقانچىلىق بېجى كەچۈرۈم قىلىندى، شىنجاڭدا مەجبۇرىي مائارىپ يولغا قويۇلۇپ 2 مىليون 280 مىڭ ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۇلى تۆلىمەي ئوقۇيدىغان بولدى، بۇ بىزنىڭ كوممۇنىست پارتىيىمىزنىڭ، بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىزنىڭ خەلقنى سۆيىدىغان پارتىيە ۋە خەلقنى سۈيىدىغان ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى" دەپ ماختانغان.

ئەرز ئېيتقىلى كەلگەنلەر تۇتۇلماقتا

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى فاڭ يۇئەننىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى چوڭ يىغىننىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى بۇ ئىككى چوڭ يىغىننى خەلقنى نەزەردە تۇتىدىغان يىغىن دەپ مەدھىيىلىگەن.

ئەمما بۇ ئىككى چوڭ يىغىنغا دەرد ئېيتىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن دۆلەت پۇقرالىرى بۇنى ئىنكار قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بېيجىڭغا دەرد ئېيتقىلى كەلگەن كىشىلەر ھۆكۈمەت ساقچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا، ھاقارەتلىشىگە ئۇچرىماقتا. ئىككى چوڭ يىغىنغا قارىتا ئىمزا قويۇپ خەت يېزىپ، دۆلەتنىڭ ئەرزىيەت تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىش، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىش، دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ھۇقۇقىنى قوغداش، ئاساسىي قانۇن بويىچە سورايدىغان سوت مەھكىمىسى قۇرۇش ھەققىدە تەكلىپ سۇنغان كىشىلەر تۇتقۇن قىلماقتا. ساقچىلارنىڭ ئادەم تۇتقانلىقىنى كۆرگەن يەنە بىر خانىم ئەركىن ئاسىيا مۇخبىرىغا ئىسپاتلىق بەرگەن.

يەنە مەلۇم بىر كىشى بېيجىڭ شەھىرىدە ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا ناھايىتى كۆپ ئادەم توپلاشقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ سانىنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنى، ھۆكۈمەت ساقچىلىرىنىڭ بولسا ئاپتوموبىل بىلەن بۇ جايغا كېلىپ خالىغانچە ئادەم تۇتۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.