خىتاي بىلەن تەيۋەن، خوڭكوڭ ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي رىقابەت


2006.03.07
CPPCC.jpg
سىياسىي كېڭەش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش . AFP

ھازىر بېيجىڭدا ئىككى چوڭ يىغىن داۋاملىشىۋاتىدۇ. خەلقئارادا ئەركىن مەتبۇئاتلار بۇ ئىككى يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر ۋە ئوبزورلارنى ئېلان قىلىۋاتىدۇ. ''ئامېرىكا ئاۋزى'نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت كابىنىتى تۈزگەن 11 ‏- بەشيىللىق پىلان لايىھىسىدە "تەيۋەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئايرىلماس مۇقەددەس زېمىنى" دەپ ئاتالغان. بۇ ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيىدا مۇزاكىرە قىلىشقا تاپشۇرۇلغان. بۇنداق ئاتاش بۇرۇنقى "تەيۋەن بوغىزىدىكى ئىككى تەرەپ ئوخشاشلا بىر جۇڭگو' دېگەن سۆز بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايتتى. 92 ‏- يىلىدا ئىككى تەرەپ بىرلىككە كەلگەن "ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭ پىكرىنى ساقلاپ قالىدۇ" دېگەن سۆز بىلەنمۇ تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. شۇڭلاشقا ھازىر "تەيۋەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر قىسمى" دېگەن بۇ يېڭى ئاتاش يەنە بىر قېتىم جىددىي مۇنازىرە قوزغىغان.

تەيۋەن مەسىلىسى مۇھىم ئورۇنغا ئۆتتى

تەيۋەننىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق كومىتېتى باشلىقى ۋۇ ئەپەندى "خىتاينىڭ نېمە دېيىشىدىن قەتئى نەزەر، تەيۋەن بوغىزىدىكى ئىككى تەرەپ 1949 ‏- يىلىدىن بۇيان بىر -بىرىنى ئىدارە قىلىپ باققان ئەمەس. بۇ بىر ئەمەلىيەت. بۇ پاكىتنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس. تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھۇقۇقى 23 مىليون خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ قولىدا، بۇ تەيۋەندە ئاللىقاچان شەكىللىنىپ بولغان، ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان ئورتاق چۈشەنچە" دەپ جاكارلىغان. خىتاي مەركىزى ھەربى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گو بەيشيوڭ 'چېن شۇيبيەن ھازىر قانۇنلۇق ھالدا مۇستەقىل بولۇش ئۈچۈن يەنە بىر قەدەم ئالدى. ئازادلىق ئارمىيىنىڭ ھازىرقى جىددىي ۋەزىپىسى تەيۋەننىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى توسۇشتىن ئىبارەت. تەيۋەننىڭ ھەر قانداق سەۋەب بىلەن مۇستەقىل بولۇپ كېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ' دېگەن. تەيۋەن بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىن ئىبارەت تەيۋەن بوغىزىدىكى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى بۇنداق يېڭى مۇنازىرە ھازىر جىددىي داۋام قىلماقتا.

خوڭكوڭ مەسىلىسى 11 ‏- بەش يىللىق پىلاندا

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى شىنيۈنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ دوكلاتىدا، گەرچە 'بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم'، 'خوڭكوڭنى خوڭكوڭلۇقلار ئىدارە قىلىش' ، 'ئالىي ئاپتونومىيە' دەپ سۆزلىسىمۇ، ئەمما ئىچكى رايونلار نىڭ خوڭكوڭ، ماكاۋ بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇشنى ئاساسى ئورۇنغا قويغان. ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى 11 ‏- بەشيىللىق پىلانىغا خوڭكوڭنىمۇ كىرگۈزىۋالغان. بۇ خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم خوڭكوڭنى ئۆزىنىڭ دۆلەت پىلانى دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پرو فېسسورى سۈن لىگوڭ خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشىنى ياقتۇرمايدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇرۇن بىر دۆلەتتە ئىكى خىل تۈزۈم يولغا قويۇلىدۇ، خوڭكوڭنى خوڭكوڭلۇقلار ئۆزى ئىدارە قىلىدۇ، دەپ جاكارلىغان ئىدى. بۇنداقتا خوڭكوڭنىڭ ئۈزىنىڭ ھەرىكەت بوشلۇقى بولاتتى. خوڭكوڭ بۇنداق بىر بوشلۇقىدا ئۆزى قانات قېقىپ ئۇچالايتتى، بۇ ياخشى ئىدى. ھازىر 'رىلىس ئۇلاش'نى يولغا قويىۋاتىدۇ، بۇ ئۇنداق ئاددى رىلىس ئۇلاش ئەمەس، ئەمدى خوڭكوڭ ھەرگىزمۇ ئۆز ئىختىيارى بويىچە ئەركىن ئىش قىلالمايدۇ، بۇ بىر چوڭ مەسىلە.

ئەرزدارلار داۋاملىق تۇتۇلماقتا

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى فاڭ يۇەننىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۆكۈمەت ساقچىلىرى بېيجىڭغا ئىككى يىغىنغا دەرد ئېيتقىلى كەلگەن كىشىلەرنى ھازىر ھەدەپ ئالداپ قايتۇرۇش، توسۇپ مەجبۇرىي قايتۇرۇش ياكى تۇتقۇن قىلىشنى جىددىي داۋاملاشتۇرىۋاتقان ۋە خەلقنىڭ ھۇقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئادۋۇكاتلارنىڭ ئائىلىسىگە توختىماي پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بېيجىڭغا دەرد ئېيتقىلى كىلۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانى ئازلىغىنى يوق، بەلكى تېخىمۇ كۆپەيمەكتە. خەلقنىڭ ھۇقۇقىنى قوغداش ھەرىكىتى بارغانسېرى ئەۋج ئالماقتا.

دۆلەت كابىنىتىنىڭ ئەرزىيەت ئىشخانىسىغا بارغان كىشىلەردىن مەلۇم بىر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەرزىيەت ئىشخانىسى بىلەن ئادەم تۇتۇدىغان ساقچىلار ئاللىقاچان تىل بىرىكتۈرىۋالغان. ساقچىلار ئەرزىيەت ئىشخانىسىنىڭ ئىچىدە ئولتۇرىدىكەن. جەدىۋەل توشقۇزۇپ كىرگەنلا ئادەمنى ئۇلار ئىچكىرىدىكى ئۆيدىن تۇتۇپ كىتىدىكەن.

مۇخبىرنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ھازىر يەنە نۇرغۇن ئادەم مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن، بەزىلەر پويىز بىلەن، بەزىلەر پاراخود بىلەن بېيجىڭغا قاراپ كېلىۋاتىدۇ. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.