
خىتاينىڭ ئىككى چوڭ يىغىنى داۋاملىشىۋاتقاندا، تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەن 'دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش قانۇنىنى ئاخىرلاشتۇرۇش قارارى'نى جاكارلىغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى 'تەيۋەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر قىسمى' دەپ ئاتاشنى يىغىننىڭ مۇزاكىرىسىگە قويدى. بۇ تەيۋەن بوغىزىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىدە يەنە بىر قېتىم جىددىيلىك پەيدا قىلدى. ئىككى چوڭ يىغىن داۋاملىشىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە يەنە جەمئىيەتتە ئاچلىق ئېلان قىلىش، ئىش تاشلاش، بېيجىڭغا كېلىپ ئەرز ئېيتىش ھەرىكەتلىرى ئەۋج ئالماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى ياخشى ئويلىنىشى كېرەك
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ تەكىلپ قىلىنغان مۇخبىرى دىڭشاۋنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى لى جاۋشىڭ، ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىلى لى يۇەنجېن ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ باشلىقى سۈي شىنۋۇلار تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشىغا قەتئىي قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ھەربىي ئىشلار مۇلاھىزىچىسى پىڭ كېفۇ ئەپەندى ھازىرقى بۇنداق جىددىيلىكنى مۇلاھىزە قىلىپ "شۇنى كۆرىۋالغىلى بولۇدىكى، ھازىر جۇڭگودا ئىچكى مەسىلە تاشقى مەسىلىدىن كۆپ ۋە ئېغىر. تەيۋەن تەرەپ جاكارلىغان قارارمۇ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خىتاي مىللەتچىلىكىنى يەنە بىر بالداق ئۆرلەتتى. ھۆكۈمەت ئەگەر ھازىر بۇنىڭغا قارىتا قاتتىق پوزىتسىيىدە بولمىسا، ئۆزىنىڭ ئىچكى قىسىمىنى كونترول قىلالماي قالىدۇ. ئەگەر قاتتىق جاۋاب قايتۇرۇپ، قارشىلىشىۋەرسە، بۇنداقتىمۇ مەسىلە چىقىدۇ. يەنىلا ئىچكى قىسمىدا تېخىمۇ جىددىي ئەھۋال يۈز بېرىشى مۇمكىن. خەلق كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىشقا باشلىسا، ئۇنى قانداق يۇغۇشتۇرىدۇ؟ ئەگەر تەيۋەننى قورال كۈچى بىلەن ساقلاپ قالىمەن دېسە، بۇنىڭدىن قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ خۇددى بۇرۇن 'ئاراللارنى قوغداش' ھەرىكىتى دېگەن ھەرىكەت ئاخىرى باشقۇرغىلى بولمايدىغان بىر مەسىلىگە ئايلانغاندەك ۋەقە يۈز بەرمەمدۇ؟ ھازىر تەيۋەن مەسىلىسى، ياپونىيە مەسىلىسى خىتاينىڭ قارىمۇ-قارشى تەرىپىدىكى باشقا بىر قىرغاققا ئۆتۈپ بولغان مەسىلە بولۇپ قالدى. بۇ خىتايدا پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى بۇزۇشى مۇمكىن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە ئامېرىكىغا، ئۆزىنىڭ ھەربىي قىسىملىرىغا، ئۆزىنىڭ خەلقىغە قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ، بۇنى ياخشى ئويلىشى كېرەك" دېگەن.
'كۈچ ئۇلاپ ئاچلىق ئېلان قىلىش' ھەرىكىتىنى قوللاۋاتقانلار كۆپەيمەكتە
ئەركىن ئاسىيا رادىئو سىنىڭ مۇخبىرى فاڭ يۇەننىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۆكۈمەت ساقچىلىرى مەركەزگە ياكى بىۋاستە ئىككى چوڭ يىغىنغا ئەرز ئېيتقىلى كەلگەن كىشىلەرنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بېيجىڭغا كېلىۋاتقان ئەرزىيەتچىلەر بۇنىڭ بىلەن ئازايغىنى يوق. بۇنىڭدىن باشقا يەنە،خەلقنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش يولىدا قەتئىيلىك بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئادۋۇكات گاۋجژشېن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بېيجىڭدا باشلانغان بىر ئايلىق 'كۈچ ئۇلاپ ئاچلىق ئېلان قىلىش' ھەرىكىتىمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ. ھازىر بۇ 'كۈچ ئۇلاپ ئاچلىق ئېلان قىلىش' ھەرىكىتىگە قاتنىشىۋاتقان ئادەم كۆپىيىۋاتىدۇ. شەنبە كۈنى بۇ ھەرىكەتكە 19 ئۆلكىدىن 70 نەچچە نەپەر دۆلەت پۇقراسى ئاۋاز قوشۇپ ، ئۆزىنىڭ تېلېفون نۇمۇرىنى ئېلان قىلىپ ئۆز -ئارا ئالاقىلىشىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن 25 ئۆلكىدىن قوللاش ئاۋازى كەلگەن. بۇ ھەرىكەتكە ھازىر سەندۇڭدىنلا 5000 ئادەم قاتنىشىۋاتىدۇ. سەيشەنبە كۈنى گۇاڭدۇڭ، خېيلۇڭجاڭلاردىنمۇ قوللاپ ئاۋاز كەلگەن. ئۇنىڭ ئىچىدە ئادۋۇكاتلارمۇ بار.
ئادۋوكاتلارنى ھاقارەتلەش
يەكشەنبە كۈنى پەر چاپان كەيگەن 3 كىشى ئادۋۇكات گاۋ جژشېن ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە بىر نەچچە قېتىم بۆسۈپ كىرىپ پاراكەندىچىلىك سالغان. گاۋ ئەپەندى بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە بىنادىن چۈشۈپ سىرتقا ماڭسا، بىرنەچچە ساقچى ئۇلارنىڭ كەينىگە كىرىۋالغان. ئۇلار ئاپتوموبىل توختىتىدىغان بىر جايغا بارغاندا، 6- 7 نەپەر نامەلۇم كىشى تەڭ ۋارقىراپ ناھايىتى سەت تىل بىلەن گاۋ ئەپەندىنى تىللاشقا باشلىغان. ئادۋۇكات گاۋ ئەپەندى بۇ ساقچىلار بىلەن ئادەم سۈپىتىدە سۆزلىشىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغان.
'يېڭى ئەسىر ژۇرنىلى' دا ئېلان قىلىنغان "ئىككى چوڭ يىغىندىكى گۈل-دەستىلەر جەمئىيەتتىكى ۋەيرانلىقنى ياپالمايدۇ" دېگەن ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، بېيجىڭدا ئىككى چوڭ يىغىن ئېچىلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، سەندۇڭ ئۆلكىسىدە يېزا مەكتەپلىرىدىكى مۇئەللىملەر ئىش ھەققى جەھەتتىكى تەڭسىزلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىش تاشلاشقا باشلىغان. غەرب تەرەپتىكى گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكىلەردە يەنە 600 مىڭدىن ئارتۇق يېزا مۇئەللىملىرى بار. ئۇلارمۇ نارازىلىقىنى ئىپادىلىمەكتە. (ۋەلى)