سەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن خەلق ۋەكىللىرى تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە تەكلىپ
2006.03.10
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى فاڭيۇەننىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭدا ئىككى چوڭ يىغىن داۋاملىشىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە ھازىر بېيجىڭغا دەرد ئېيتقىلى كەلگەن كىشىلەر كۆپلەپ تۇتقۇن قىلىنماقتا. ساقچىلار پەيشەنبە كۈنى تۇتقان ئادەم سانى بىر نەچچە يۈزدىن ئاشىدۇ. بېيجىڭدا ساقچىلار 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى بىر خانىمنى تۇتۇپ 7 كۈن سولاپ قويغان.
ناھەقچىلىقكە چىدىمىغان بىر ئەرزدار ئۆزىنى كۆيدۈرىۋالغان
پەيشەنبە كۈنى، ناھەقچىلىقكە چىدىمىغان بىر ئەر ئەرزىيەتچى ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ قوراسىدا ئۆزىنى كۆيدۈرىۋالغان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئەتراپتىكى كىشىلەر ئوتنى ئۆچىرىۋالغان. كىشىلەر ئۇنىڭ يۈزى ۋە چاچلىرى كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن. ساقچىلار ئۇ كىشىنى ئىشخانىغا سۆرەپ ئەكىرىپ كەتكەن، كېيىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى كېلىپ دوختورخانىغا ئېلىپ كەتكەن، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ھەقتە ھېچقانداق خەۋەر يوق.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خەلقنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئادۋۇكات گاۋجژچېن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بېيجىڭدا باشلانغان 'كۈچ ئۇلاپ ئاچلىق ئېلان قىلىش'نامايىشى ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا. بۇ ھەرىكەت ھازىر 10 نەچچە ئۆلكىگە كېڭەيگەن. خەلقئارادىن ئاز دېگەندە 35 تەشكىلات نامايىشچىلارنى قوللاپ ئۇچۇر يوللىغان. ئەمما ھازىر ئادۋۇكات گاۋ ئەپەندىنىڭ پائالىيەت مۇھىتى بارغانسىرى يامانلاشماقتا. جۈمە كۈنى گاۋ ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەن كىشىلەرنى ساقچىلار توسىۋالغان. گاۋ ئەپەندىنىڭ باشقا كىشىلەر بىلەن قىلغان سۆھبىتىنى بۇزىۋەتكەن. گاۋ ئەپەندىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار ھازىر ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىشقا باشلىغان. بېيجىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ساقچىسى ئەمما ھازىر پوقراچە كېيىنىۋالغان ئىگىز بويلۇق بىر ساقچى ئاغزىنى گاۋ ئەپەندىنىڭ پىشانىسىگە تاقاپ تۇرۇپ ' ئۆلىدىغان ۋاقتىڭ يىتىپ كېلىۋاتىدۇ، مىنىڭ بۇ گېپىم ئېسىڭدە تۇرسۇن، بىز سەن بىلەن ئىشىكنى تاقاپ قويۇپ سۆزلىشىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، سەن ئۆلىمەن دەپ ئۆلەلمەيسەن، ساق قالىمەن دەپمۇ ساق قالالمايسەن ' دەپ تەھدىت سالغان. بىردەمدىن كېيىن يەنە بىر ساقىچى كېلىپ ' ھەر كۈنى سىنىڭ ئۈستىڭدىن شىكايەت كېلىۋاتىدۇ، ۋاقىت توشۇپ قالاي دېدى'دەپ تەھدىت سالغان. يەنە بىر ئادۋۇكات گاۋ ئەپەندى بىلەن مەمكىلەتلىك ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا يوللايدىغان ماتېرىيال توغرىلىق مەسلىھەت قىلىۋاتقاندا، ساقچىلار ئۇلارنىڭ سۆھبىتىنى قوپاللىق بىلەن بۇزىۋەتكەن.
ئەرزدارلارنىڭ ئىرادىسى چىڭ
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى دىڭ شاۋنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خېنەن، جىلىن ئۆلكىلىرىدە قان ئارقىلىق ئەيدىز يۇقتۇرىۋالغان ئاياللار 8 - مارت كۈنى بىر جايغا توپلىنىپ، يۇقىرىغا ئەرز قىلىش ھەققىدە مەسلىھەت قىلىشقان. خېنەندىن پەقەت 3 كىشىلا بېيجىڭغا يىتىپ كېلەلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى ساقچىلار تۇتۇۋېلىپ خېنەنگە قايتۇرۇپ كەتكەن. ھازىر نەزەربەنتتە تۇرىۋاتقان بىر خانىمنىڭ ئېيتىپ بىرىشىچە، بېيجىڭغا ئەرز قىلىش ئۈچۈن بېرىش ھەققىدە مەسلىھەت قىلغان ئاياللارنى ساقچىلار ئۆيلىرىدىن چىققىلى قويمىغان. ئەمما ئۇلار ئىرادىسىدىن قايتمىغان. ئۇلار ئىككى چوڭ يىغىندىن كېيىن بېيجىڭغا قايتىدىن بارىدىكەن.
خېنەن ئۆلكىسىدە ئەيدىز كېسىلى بىرقەدەر ئېغىر بولغان جۇمادىيەن شەھىرىنىڭ شۇجىسى ئىككى چوڭ يىغىندا 'بىز ئەيدىز كىسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرگە زور كۈچ بىلەن ياردەم قىلىۋاتىمىز، ھەر بىر بىمارغا 8000 يۇەندىن 10 مىڭ يۇەنگىچە ياردەم پۇلى بېرىۋاتىمىز، ئەمما نۇرغۇن بىمارلار ھۆكۈمەتكە ئارتۇقچە تەلەپ قويىۋاتىدۇ' دېگەن. خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئەيدىز مەھەللىسىدىكى بىمارلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئەمەلىيەتتە ئۇلارغا ھەر ئايدا 10 يۇەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى بىرىلىدىكەن. خېنەندە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە قويغان ئەرز - تەلەپلىرى ئەقىلگە مۇۋاپىق تەلەپ. ئەمما بۇنىڭغا ھۆكۈمەت پىسەنت قىلمايۋاتىدۇ. بۇ ئېغىر مەسىلە. بەزى تەشكىلاتلار ياردەم بېرىش ئۈچۈن خېنەنگە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغىلى كەلسە، ھۆكۈمەت ئۇلارنى 'ئەكسىيەتچى تەشكىلات' دەپ قارىلايدۇ، 'ۋەقەدىن ئامېرىكا پايدىلىنىپ كېتىۋاتىدۇ'، 'ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى پايدىلىنىپ كېتىۋاتىدۇ' دەيدۇ. ئەمما ھۆكۈمەت ئۆزى بۇ ئىشتا خېنەنگە ياردەم بېرىدىغان رەھىمدىل كىشىلەردىن ھەرگىز پايدىلانمايدۇ.
كىملەر خەلق ۋەكىلى ؟
سەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سۈن ۋېنگۇاڭ ئەپەندى 3- ئاينىڭ 9 - كۈنى 'يېڭى ئەسىر ژۇرنىلى'دا ئوبزور ئېلان قىلىپ، خىتايدا خەلق ۋەكىللەر تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە ئەقىلگە مۇۋاپىق تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، 'خەلق ۋەكىلى' دېگەن نورمال ئۇقۇم بۇيىچە بولغاندا ئەمەلدارلارغا نازارەتچىلىك قىلىدىغان خىزمەت. ئەمما خىتايدا بولسا دۆلەتنىڭ رەئىس، باش مىنىسىتىرلىرىدىن تارتىپ ناھىيە ۋە يېزا باشلىقلىرىغىچە ھەممىسى 'خەلق ۋەكىلى'. ئەمەلدارلار ئۆزى 'ھەم دەۋاگەر ھەم قازى' بولۇۋالغانلىقنىڭ ئۆزىلا ئادالەتسىزلىكتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ -- خىتايدىكى چىرىكلىكنىڭ مەنبەسى. سۈن ۋېنگۇاڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، 1946 -يىلى، جۇڭخۇا مىنگونىڭ ئاساسىي قانۇنىدا ئەمەلدارلار قانۇن تىكلەش ئورگانلىرىنىڭ ئەزاسى بولالمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ھازىرمۇ تەيۋەندە قانۇن پالاتاسىنىڭ ئەزالىرىدىن قايسى بىرى شەھەر باشلىقى ياكى ناھىيە باشلىقى بولۇپ سايلانسا، ئۇنىڭ قانۇن پالاتا ئەزالىقى دەرھال ئېلىپ تاشلىنىدۇ. ئەمما چوڭ قۇرۇقلۇقتا بايلىق مەنبەلىرىنىڭ ھوقۇقىنى ئۆز قولىغا ئېلىۋالغان ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرى 'خەلق ۋەكىلى' بولۇۋالغان. ئادەتتە ھۆكۈمەت بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەندە، ئۇلار ھېچقاچان خەلق تەرەپتە تۇرمايدۇ. سۈن ئەپەندى ماقالىسىدە ' ئادالەتسىزلىك ۋە چىرىكلىكنىڭ بۇ مەنبەسىنى يوق قىلىش ئۈچۈن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھىۇرىيىنىڭ خەلق ۋەكىللەر تۈزۈمىنى تەل -تۈكۈس ئۆزگەرتىش كېرەك' دەپ تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويغان. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىككى چوڭ يىغىننىڭ سىرتىدا دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ھەرخىل نامايىشلىرى داۋاملاشماقتا
- ئىككى چوڭ يىغىندىكى گۈل-دەستىلەر جەمئىيەتتىكى ۋەيرانلىقنى ياپالامدۇ؟
- ۋاڭ لېچۈەننىڭ خەلق قۇرۇلتىيىدا قىلغان دوكلاتىغا ئىنكاس
- خىتاي بىلەن تەيۋەن، خوڭكوڭ ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي رىقابەت
- ئىككى چوڭ يىغىن بىلەن خەلقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ناھايىتى ئېنىق
- خىتايدا ئىككى چوڭ يىغىن ئېچىلىۋاتقاندا جەمئىيەتتە نېمە بولىۋاتىدۇ؟