سىياسىي كېڭەشنىڭ چوڭ يىغىنى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئارزۇسىغا قارشى قارار چىقارغان

خىتايدا دۆلەت پۇقرالىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، 'جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى' نىڭ ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، قانۇنغا كىرگۈزۈۋېلىنغان دۆلەت پۇقرالىرىنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىگە بوي سۇنۇشقا مەجبۇرلايدىغان ماددىلارنى بىكار قىلىش ھەققىدە تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىم بېيجىڭدا ئېچىلغان ئىككى چوڭ يىغىننىڭ بىرى بولغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يىغىنى، يەنىلا دۆلەت پۇقرالىرىنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىىسنىڭ رەھبەرلىكىگە بوي سۇنۇشقا مەجبۇرلايدىغان قارار چىقىرىپ ئاياغلاشقان.

پارتىيىنى سۆيمەسلىك ھىمايە قىلماسلىق

خىتايدا ئىككى چوڭ يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن، 2 ‏- ئاينىڭ 28 ‏- كۈنى، 'يېڭى ئەسىر ژۇرنىلى' دا سەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سۈن ۋېنگۇاڭ ئەپەندىنىڭ 'كوممۇنىست پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولۇش' دېگەن ماددىلارنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدىن چىقىرىۋېتىش ھەققىدىكى تەكلىپى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

سۈن ۋېنگۇاڭ ئەپەندىنىڭ تەكلىپىدە بايان قىلىنىشىچە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى 1954 ‏-يىلى تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىگە بوي سۇنۇشى بىر شەرت قىلىپ بەلگىلىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، خەلق ئىچىدە ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش ھەققىدە تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلمەكتە. بۇ جەرياندا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا 75‏- يىلىدا بىر قېتىم، 78 ‏- يىلىدا بىر قېتىم، 82‏- يىلىدا بىر قېتىم، جەمئى 3 قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭ ھەممىسىدە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىگە بوي سۇنۇش دېگەن ماددا ئېلىپ تاشلانمىدىلا ئەمەس، بەلكى ھەر خىل شەكىل بىلەن كۈچەيتىلىپ ماڭدى. مەسىلەن، 78‏- يىلىدا تۈزىتىلگەن قانۇندا "دۆلەت پۇقرالىرى چوقۇم خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنى ھىمايە قىلىشى كېرەك" دەپ تېخىمۇ قاتتىق بەلگىلەنگەن. ئەگەر دۆلەت پۇقرالىرى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنى ھىمايە قىلمىسا، دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتايدا كوممۇنىست پارتىيىنى ھىمايە قىلمىغانلىق پارتىيىگە قارشى تۇرغانلىق، ئىنقىلابقا قارشى تۇرغانلىق بولۇپ، بۇنداق كىشىلەر ئوڭچى، دەپ ئاتىلىپ، قانۇن بويىچە جازالىنىپ، تۈرمىگە ئېلىنىپ، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىغا ئەۋەتىلىپ كەلمەكتە.

دۆلەت پۇقرالىرى ئەقەللى كىشىلىك ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلدى

‏-ھۆكۈمەت تۈرمىدە يېتىۋاتقان مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسىنى ماۋزېدوڭ تاللانما ئەسەرلىرىنى، ماركىسىزم-لېنىنىزم ئەسەرلىرىنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ئوقۇشقا، يادلاشقا، شۇنىڭغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ 'گۇناھىنى تۇنۇشقا' ۋە 'ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە' مەجبۇرلايدۇ. - دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ سۈن ۋېنگۇاڭ ئەپەندى ماقالىسىدە ئۆزىنىڭ 70 ‏- يىللاردىكى تۈرمە ھاياتىنى ئەسلەپ، - ئەمما خەلقئارادا كەڭ يولغا قويۇلىۋاتقان 'ھەممە ئادەم، ھەممە پارتىيە قانۇن ئالدىدا باراۋەر' دېگەن دېموكراتىك پرىنسىپ خىتايدا يوق. 70 ‏- يىللارنىڭ ئاخىرىدا ۋە 80 ‏- يىللارنىڭ بېشىدا، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندە، پارتىيە رەھبەرلىكىگە بوي سۇنۇشنى ھەتتا ئادەتتە قوللىنىلىدىغان پرىنسىپقا ئايالاندۇرىۋالدى. دېڭ شاۋپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان 'تۆت چوڭ پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش' نىڭ بىرىنچى ماددىسى 'پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش' دەپ ئاتالدى. دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلىرى خەلق سايلىمىسىز ھالدا بىۋاستە پارتىيە ئەزالىرىغا بۇيرۇپ بېرىلدى. دۆلەت پۇقرالىرى ئەقەللى كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ ھەممىسىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالدۇرۇلدى.

سۈن ۋېنگۇاڭ ئەپەندىنىڭ ماقالىسىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلىۋېلىنغان ماددىغا ئاساسەن، مەملىكەتنىڭ ھەممە جايلىرىدا، ھەممە ئورگانلاردا ئۆزىنىڭ تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇۋالغان. پارتىيە تەشكىلاتلىرى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا بار، بەلكى ھەممە ھوقۇقلارنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغانلا ئەمەس، ھەربى، ئەدلىيە، ساقچى، مەكتەپ، ئەدەبىيات، دىن، سەنئەت، ئۇچۇر، مەتبۇئات تارماقلىرىنىڭمۇ ھەممىسىگە پارتىيە شۇجىلىرى مەسئۇل بولۇۋالغان. خىتايدا خەلق ئۆزى ئاۋاز بىرىپ سايلام چىققان بىرمۇ رەھبەر يوق، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆزى بەلگىلىۋالغان. خىتايدا پۈتۈنلەي كوممۇنىست پارتىيىنىڭ دېكتاتورىسى يولغا قويۇلۇپ كەلمەكتە. خىتايدا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئىمتىيازى شۇقەدەر چوڭىيىپ كەتكەنكى، دۆلەتنىڭ ھەممە بايلىقى پارتىيىنىڭ قولىدا، ئادەتتە پارتىيىنىڭ دەۋاتقىنى بىلەن قىلىۋاتقىنى باشقا، ئۇنىڭ نېمە قىلماقچى بولۇۋاتقانىلىقىمۇ خەلققە نىسبەتەن مەخپى.

يىغىن ۋەكىللىرىنى خەلق سايلىمىغان

دۇنياغا نەزەر سالىدىغان بولساق، - دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ سۈن ۋېنگۇاڭ ئەپەندى ماقالىسىدە، - ئامېرىكا، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ،ھەتتا 2 ‏- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئىتالىيە، ياپونىيىلەرنىڭ ئاساسىي قانۇنىدىمۇ قايسى بىر پارتىىيىگە بوي سۇنۇش كېرەك دەپ بەلگىلەنمىگەن. سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ ئاساسىي قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرمۇ ھازىرقى رۇسىيىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا مەۋجۇت ئەمەس. بۇنداق مۇستەبىت تۈزۈم ھازىر خىتايدا ئەۋج ئالماقتا. ھەتتا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىمۇ خىتايدا پۈتۈن دۆلەت پۇقرالىرى ئۆزى ئاۋاز قويۇپ ماقۇللانغان قانۇن ئەمەس. بۇ قېتىمقى ئىككى چوڭ يىغىنغا كەلگەن 'ۋەكىل' ، 'ئەزا' دېگەنلەرنىمۇ خەلق بىۋاستە سايلاپ چىقمىغان. 'خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە بوي سۇنۇش' خىتايدا دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى بولۇپ قالغان. خىتايدا پۈتۈن دۆلەت پۇقرالىرى تارتىۋاتقان ئازاپ - ئوقۇبەت مانا شۇ مەنتىقىسىز ماددىدن كەلمەكتە.

خەلق گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭدا 3 ‏-مارت كۈنى باشلانغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ چوڭ يىغىنى 13 ‏-مارت كۈنى، دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ خەلقنى كوممۇنىست پارتىيىگە بۇي سۇنۇشقا مەجبۇرلايدىغان ماددىلارنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدىن بىكار قىلىش ھەققىدىكى ئارزۇ-تەكلىپلىرىگە يەنە بىر قېتىم پىسەنت قىلماي، يەنە بۇۇرنقىدەكلا كوممۇنىست پارتىيە رەھبەرلىكىدە سوتسىالىستىك ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشنى تەكىتلەيدىغان بىر سىياسىي قارار قوبۇل قىلىپ ئاياقلاشقان. (ۋەلى)