بېيجىڭدا ھەر يىلى بىر قېتىم ئېچىلىدىغان ئىككى چوڭ يىغىن )مەملىكەتلىك خەلق قورۇلتېيى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يىللىق يىغىنى( غا ھەر قايسى ئۆلكىلەردىن قاتناشتۇرۇلىدىغان ۋەكىللەر بېيجىڭغا كېلىۋاتىدۇ. ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بېيجىڭدا ھەر يىلى بىر قېتىم ئېچىلىدىغان ئىككى چوڭ يىغىن مەزگىلى خىتايدا ناھايىتى سەزگۈر مەزگىل. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلقى ئىككى چوڭ يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ شەھىرىدىلا بېلىكىگە رەسمىي بەلگە تاقاپ تەرتىپ ساقلاش ئۈچۈن 500 مىڭ ئادەم ئاجراتقان. يىغىن جەريانىدا ئەرز ئېيتىش چەكلەنگەن.
بېيجىڭ شەھەرلىك شەرقى شەھەر رايونى ساقچى ئىدارىسىلا يىغىننى قوغداش ئۈچۈن ئىككى چوڭ قوشۇن تەشكىللىگەن
بېيجىڭ ياشلىرى گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك شەرقى شەھەر رايونى ساقچى ئىدارىسىلا يىغىننى قوغداش ئۈچۈن ئىككى چوڭ قوشۇن تەشكىللىگەن. ئۇنىڭ بىرى، شەھەردە ھۆكۈمەتتىن تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئېلىۋاتقان كىشىلەردىن تەشكىللەنگەن مىڭ كىشىلىك چارلاش ئەترىتى. يەنە بىرى، 2500 نەپەر كوممۇنىست پارتىيە ئەزاسىدىن تەشكىللەنگەن پوستا تۇرۇپ نۆۋەتچىلىك قىلىش ئەترىتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى بېلىكىگە رەسمىي قىزىل بەلگە تاقايدىكەن. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى كوچىلاردا چارلاش-تەرتىپ ساقلاش ۋە سۇ، ئېلېكتىر، گاز قاتارلىق مۇھىم تارماقلاردا، كۆۋرۈك بېشىدا، دوقمۇشلاردا پوستا تۇرۇپ، ئىشىككە قاراش، ئادەملەرگە قاراش، گۇمان قىلغانلىكى ئادەم ياكى ئەھۋالنى ساقچىغا دوكلات قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەن.
تەخمىنەن ھەر يىلى ئىككى چوڭ يىغىن ئۈچۈنلا 5000 ۋەكىل ئۈچۈن 5 مىليارد يۇەن چىقىمنى خەلق تۆلەۋاتىدۇ
بۈگۈن 'بوشۈن تور بېتى'دە، بېيجىڭدا ھەر يىلى بىر قېتىم ئېچىلىدىغان ئىككى چوڭ يىغىنغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنىڭ چىقىمى ھېسابلاپ كۆرۈلگەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ بايان قىلىنغان: خۇنەن ئۆلكىسىدىكى خۇارۇڭ ناھىيىلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2003 - يىلى ئىككى چوڭ يىغىن ئۈچۈن بىۋاستە قىلىنغان چىقىم 485 مىڭ يۇەن. تۇرمۇش ياردەم پۇلى قاتارلىق ھەرخىل چىقىملارنى قوشسا بىر مىليون يۇەندىن ئاشىقان. مۇشۇ ھېساب بۇيىچە بولسا، پۈتۈن مەملىكەت بۇيىچە 2861 ناھىيە ھەر يىلى ئىككى چوڭ يىغىن ئۈچۈنلا 2 مىليارد 800 مىليون يۇەن چىقىم قىلغان بولىدۇ. 4 تىن 10 غىچە ناھىيىنى ئىدارە قىلىدىغان ۋىلايەت دەرىجىلىك 265 شەھەر ئۆز ئالدىغا يەنە 1 مىليارد 300 مىليون يۇەن چىقىم قىلىشى كېرەك. 23 ئۆلكە، 5 ئاپتونوم رايون، 4 بىۋاستە قاراشلىق شەھەر، 2 ئالاھىدە رايون ئۆز ئالدىغا يەنە 20 مىليون يۇەن چىقىم قىلىشى كېرەك. ھەريىلى ئىككى چوڭ يىغىنغا قاتنىشىدىغان 5000 ۋەكىلنىڭ ھەر كۈنلۈك تاماق پۇلى 100 يۇەندىن، ياتاق پۇلى 150 يۇەندىن 600 يۇەنگىچە، قاتناش پۇلى 1000 يۇەندىن ھېسابلانسا 5 مىليون يۇەن. يىغىن ئالدى - كەينى بولۇپ 20 كۈن ھېسابلانسا، بۇنىڭغا يىغىن جەريانىدا مەملىكەت بۇيىچە تەرتىپ ساقلايدىغان 650 مىڭ ئادەمنىڭ ھەر كۈنلۈك تۇرمۇش ياردەم پۇ لى، ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ چىقىمى قاتارلىقلارنى قوشقاندا، يەرلىكتىن مەركەزگىچە تەخمىنەن ھەر يىلى ئىككى چوڭ يىغىن ئۈچۈنلا 5 مىليارد يۇەن چىقىم بولۇۋاتىدۇ. بۇ پۇلنى قېرى، كېسەل، مەجروھ ياكى نارىسىدە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن نوپۇس بېشىغا چاچقاندا، ھەر بىر كىشى ھەر يىلى ئىككى چوڭ يىغىن ئۈچۈن تەخمىنەن 4 يۇەندىن بەدەل تۆلەۋاتىدۇ.
ئىككى چوڭ يىغىنغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللىرى
-- خېبېي ئۆلكىسىدىن يىغىنغا كېلىشى بەلگىلەنگەن 120 نەپەر ۋەكىلنىڭ كوممۇنىست پارتىيە ئەمەلدارى ياكى پارتىيە ئەزاسى ئەمەسلىرى يوق، -- دەپ بايان قىلىنىدۇ 'يېڭى ئەسر ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلىنغان بىر مۇلاھىزىدە، - 'خەلق ۋەكىلى' دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىدىن قارىغاندا، ئۇ خەلق سايلاپ چىققان، خەلققە ۋەكىللىك قىلىدىغان كىشى. ئەمما خىتايدا 'ۋەكىل' دەپ يىغىنغا كېلىدىغانلار ئاساسەن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆزى بەلگىلىۋالغان، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىنىڭ خەلىقنى باستۇرىدىغان سىياسەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەر.
بەزى ۋەكىللەرنىڭ ئىنكاسى
'بوشۈن تور بېتى'دە بايان قىلىنىشىچە، ھەر يىلى ئىككى چوڭ يىغىن ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ پۇل خەجلىنىدۇ، - دەيدۇ خېبېي ئۆكسىدىن بەلگىلەنگەن سىياسى كېڭەش ئەزاسى، دېموكراتىك پارتىيىلەر ۋەكىلى ۋاڭ فۇلىن، - يىغىننىڭ داغدۇغىسى، ھەيۋىسى ناھايىتى چوڭ، يىغىن ئۈچۈن ساقچى ئاپتوموبىللىرى يول ئاچىدۇ، يىغىننى ساقچىلار قوغدايدۇ. ئەمەلىيەتتە خەلقنى بىئارام قىلىدۇ. ھەر بىر ۋەكىلنىڭ ھەر كۈنلۈك تاماق پۇلىلا 100 يۇەندىن ئاشىدۇ. يىغىن مەزگىلىدە قانتاش جىددىيلىكىدىن نۇرغۇن ئادەمنىڭ شەخسىي تاپاۋىتى يوق بولىدۇ. بۇنى ئويلىسام يىغىنغا قىلىنغان بىھۇدە چىىقمغا ئىچىم ئاغرىيدۇ.
- سىياسىي كېڭەش ئەزاسى دېيىلگەن كىشىلەرنىڭ خېلى كۆپ ساندىكىلىرى 'ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش' نامىدا بەلگىلەنگەن كىشىلەر، - دەيدۇ ئوتتۇرا جۇڭگو مالىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 68 ياشلىق پروفېسسورى، -- ئەمەلىيەتتە بۇنداق بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتتە ھېچقانداق رولى يوق، مۇشۇنداق كىشىلەر بىلەن ئېچىلغان ئىككى چوڭ يىغىن پەيدا قىلغان قاتناش جىددىيلىكىدىن بىئارام بولغان خەلق بۇ ۋەكىللەرنى تىللاۋاتىدۇ، بەزى ئار-نومۇسى بار ۋەكىللەر سەت ئاھانەتنى ئاڭلىغاندا ئۆزىنى قويغىلى يەر تاپالمايدۇ. (ۋەلى)