
بېيجىڭدا ئىككى چوڭ يىغىن داۋاملىشىۋاتىدۇ. يىغىندا ھازىر ۋېن جياباۋنىڭ دوكلاتى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتىدۇ. خەلقئارادا ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىلەرگە قارىغاندا، ۋېن جياباۋنىڭ دوكلاتىدا خىتايدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىنى پۇل بىلەن ھەل قىلىش چارىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەمما بۇنىڭ ئۈنۈملۈك چارە ئىكەنلىكىگە غەرب مۇتەخەسسىسلىرى ئىشەنمەيدۇ. ئۇلار خىتاي جەمئىيىتىدىكى مەسىلىلەرنى پۇل بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بېيجىڭدا ئىككى چوڭ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ۋەكىللىرى بولسا، ۋاڭ لېچۇەننىڭ يوليۇرۇقى بۇيىچە سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ چەكسىز ھاياجانلىرىنى ئىپادىلىمەكتە. بۇ ۋاقىتتا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قانۇن ئورگانلىرى بولسا، يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى قوراللانغانلىقىدىن ھاياجانلانماقتا. بۇنىڭ بايانى تۆۋەندىكى مەتبۇئات ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولماقتا:
ۋېن جياباۋنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىنى پۇل بىلەن ھەل قىلىش چارىسىگە غەرب مۇتەخەسسىسلىرى ئىشەنمەيدۇ
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ باش مىنىسىتىرى ۋېن جياباۋ ئىككى چوڭ يىغىندا بەرگەن دوكلاتىدا، خىتايدا خەلق تۇرمۇشىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدا يېڭى كۆرسەتكۈچلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2007 - يىلىدا ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ خامچوتىنى 42%، داۋالاش راسخوتىنى 87%، يېزىلارغا سېلىنىدىغان مەبلەغنى 15%، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى 14% ئاشۇرۇش ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئويلىغان. غەرب مۇلاھىزىچىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي جەمئىيىتىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلە خىتاينىڭ دۆلەت تۈزۈمىدىكى ئادالەتسىزلىك، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قاتارلىق سىياسىي مەسىلە بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى پۇل بىلەن ھەل قىلىشنى ئويلىغانلىقى ئاقمايدىغان چارە.
ئامېرىكىدىكى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بركمان ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، ھەر ۋاقىت خەلقنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇشقا تەييار تۇرغان خىتاي ھۆكۈمىتى، ئىجتىمائىي مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاجراتقان پۇلنى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ خىيانەت قىلىپ ياكى يۆتكەپ ئىشلىتىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. چۈنكى خىتايدا بۇنداق قانۇن -تۈزۈم يوق. ھەممە ھوقۇق كوممۇنىستلارنىڭ قولىدا، ئۇلار خالىغاندا خىيانەت قىلىۋىرىدۇ، ئەمما ئۇلار ھېچقاچان قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ.
سىياىي كېڭەش ئەزاسى روزى ھۇشۇر ئۆزىنىڭ قەشقەر-خوتەن -گارمو تۆمۈر يولىنى ياساش تەكلىپى تەستىقلىنىشى مۇمكىنلىكىنى سۆزلەپ چەكسىز ھاياجانلانغان
'شىنخۇا تور بېتى'دە بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ۋەكىللىرى بېيجىڭدىكى جىنشى مىھمانخانىسىدا تۇرۇپ، ۋېن جياباۋنىڭ دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىغاندا، ئالدى بىلەن ۋاڭ لېچۇەن قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋېن جياباۋنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاپ چەكسىز ھاياجانلانغانلىقىنى، ۋەكىللەر مۇزاكىرە قىلغاندا بولسا، يېزىلاردا باجنىڭ ئەمەلدىن قالدۇررۇلغانلىقىنى ۋە يېزا مەكتەپلىرىدە ئوقۇش پۇلىنىڭ پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆپرەك ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئىسمايىل ئەمەت سۆز قىلىپ مىللەت ئىتتىپاقلىغىنى، ئىسمايىل تېلىۋالدى سۆز قىلىپ ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش قىلىش نەزىرىيىسىنى مەدھىيىلەپ ئۈلگە كۆرسەتكەن. سىياسىي كېڭەش ۋەكىلى روزى ھوشۇر ئۇلارغا ئەگىشىپ، لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈر يولى، شىمالىي ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يوللىرىنى مەدھىيىلىگەن، شۇنداقلا ئەمدى قەشقەر-خوتەن-گارمو تۆمۈر يولىنى ياساپ، شىنجاڭنى ھەممە تەرەپتىن ئىچكىرىگە تۇتاشتۇرۇش زورۈرلىكىنى سۆزلىگەن ۋە ئۆزىنىڭ بۇ تەكلىپى بۇلتۇر 99% ئاۋازغا ئىرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما تېخىچە تەستىقلانمىغانلىقىنى، ئەمدى بۇيىل تەستىقلىنىشتىن ئۈمىد بارلىقىنى سۆزلەپ چەكسىز ھاياجانلانغان.
ئۈرۈمچى غەربى تاغ ساقچى پونكىتىنىڭ باشلىقى خۇاڭ شاۋلىن ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان 'مەھبۇس ئاپتوموبىلى' تەقسىملەش مۇراسىمىدا ساقچىلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى قوراللانغانلىقدىن چەكسىز ھاياجانلانغان
'شىنجاڭ گېزىتى'دە بايان قىلىنىشىچە، ئىككى چوڭ يىغىنغا بارىدىغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ۋەكىللىرى بېيجىڭغا ماڭغان كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى جايلارغا 'مەھبۇس ئاپتوموبىلى' تەقسىملەش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. بۇ مۇراسىمدا، ئۈرۈمچى غەربى تاغ ساقچى پونكىتىنىڭ باشلىقى خۇاڭ شاۋلىن ساقچىلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى قوراللانغانلىقىدىن چەكسىز ھاياجانلانغان. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن مەركەزدىن جايلارغا بېرىلگەن ياردەم پۇلىدىن سەرپ قىلىپ سېتىۋالغان 789 دانە ساقچى ئاپتوموبىلى جايلارغا تەقسىملەپ بېرىلگەن ئىكەن. بۇ قېتىم ئىككى چوڭ يىغىن ئېچىلىش ھارپىسىدا، جايلارغا يەنە 75 دانە 'مەھبۇس ئاپتوموبىلى' تەقسىملەپ بېرىلگەن. (ۋەلى)