بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق دۆلەت كابىنېتى باياناتچىسى، ھازىر خىتاي مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى جاۋچىجېڭ ئەپەندى بىلەن ئامېرىكىلىق ئىنجىل ۋەزچىسى لۇيس پالاۋ ئەپەندى يېقىندا 'ئىلاھ' نىڭ بار ياكى يوقلىقى ھەققىدە ئىككى كۈن مۇنازىرە قىلغان. دىنسىز جاۋ ئەپەندى ئىنجىل ۋەزچىسى پالاۋ ئەپەندىدىن 'ئىلاھ' نىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تەجرىبىخانىدا ئىسپاتلاپ كۆرسۈتۈپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئىنجىل ۋەزچىسى پالاۋ ئەپەندىمۇ دىنسىز جاۋ ئەپەندىن 'ئىلاھ'نىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ كۆرسۈتۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار ھەر ئىككىسى شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
"ئۆستەڭ بويىدىكى سۆھبەت: دىنسىز بىلەن خرىستىئاننىڭ دوستانە دېئالوگى"
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ ئىككى ئەرباب ئۆز ئارا سۆزلىشىپ مۇنازىرە قىلىۋاتقىلى 18 ئاي بولغان بولسىمۇ، پەقەت ئۇلارنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزگەن ئىككى كۈنلۈك مۇنازىرىسىلا خىتايدا رەتلىنىپ "ئۆستەڭ بويىدىكى سۆھبەت: دىنسىز بىلەن خرىستىئاننىڭ دوستانە دېئالوگى" دېگەن 140 بەتلىك بىر كىتاپ بولۇپ نەشردىن چىقتى. بۇ كىتابىنىڭ خىتايچىسى 10 مىڭ نۇسخا، ئىنگىلىزچىسى 2000 نۇسخا بېسىلغان. 'يېڭى دۇنيا نەشرىياتى'نىڭ باشلىقى جاۋجۇن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ كىتابلار دۇكانغا سېلىنغان ھامان سېتىلىپ تۈگىگەن.
جاۋ بىلەن پالاۋ ئەپەندىلەر ئۆز ئارا قوشۇلىدىغان نۇقتىلار بار، قوشۇلمايدىغان نوقتىلارمۇ بار خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ھازىر جاۋ بىلەن پالاۋ ئەپەندىلەر ئۆز ئارا قوشۇلىدىغان نوقتىلارمۇ بار، قوشۇلمايدىغان نوقتىلارمۇ بار. دۇنيا قارشى بىر -بىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بۇ ئىككى كىشىنىڭ راستچىللىق بىلەن، بىر-بىرىنى ھۈرمەت قىلىشقان ھالدا، ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئېنىق بايان قىلىپ مۇنازىرە قىلغانلىقىنىڭ ئۆزىلا بىر غەلىبە، --- دەيدۇ ئامېرىكىنىڭ ئورىگىن شتاتىدىكى پورتلەندى شەھىرىدىن كەلگەن ئىنجىل ۋەزچىسى پالاۋ ئەپەندى 28 - ئاۋغۇست كۈنى ئېچىلغان ئاخبارات يىغىنىدا. خىتايدىكى دىنسىز جاۋ ئەپەندىمۇ بۇنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، دىنىي زاتلار بىلەن دىنسىز زاتلار ئارىسىدا دىئالوگ ئارقىلىق بىرى - بىرىنى چۈشۈنۈش دىنىي ئېتىقادى ئوخشىمايدىغان خەلقلەر ئۈچۈن بىر يېڭى يول. بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان نوقتىلار دىنىي جەھەتتە بىر- بىرىنى چۈشەنمەيدىغان خەلقنىڭ ئۆز ئارا چۈشەنچە ھاسىل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەمما ھازىر بۇ ئىككى كىشى بىرلىككە كېلەلمەيۋاتقان ئەڭ مۇرەككەپ مەسىلە -- ئالەمنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقى ۋە 'ئىلاھ' نىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلىش مەسىلىسىدىن ئىبارەت.
بىر ئۇيغۇرنىڭ بايانى جاۋ ئەپەندىنىڭ سۆزىنى رەت قىلىدۇ
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكىلىق خرىستىيان پالاۋ ئەپەندى 'خىتايدىكى ھۆكۈمەت دىنسىزلار ھۆكۈمىتى، بۇ ھۆكۈمەت خىتايدا دىنىي ئىبادەتلەرنى چەكلەيدۇ' دېگەندە، خىتايدىكى دىنسىز جاۋ ئەپەندى بولسا 'خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي ئېتىقادنى باستۇرمايدۇ ' دېگەن. رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لىنىيىسى ئارقىلىق تېلېفون قىلغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بايانى جاۋ ئەپەندىنىڭ بۇ سۆزىنى رەت قىلىدۇ. (ۋەلى)