ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا قىزىل كېسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەپەس يولى جىددىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ تارالغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر بۇنىڭدىن ئىككى - ئۈچ ئاي ئىلگىرى مەلۇم بولۇشقا باشلىغان ئىدى. نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى قىزىل كېسەللىكى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى سەۋەبلىك ھەتتا 10 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئىنكاسلارغا قارىغاندا، ئىلى ئوبلاستى قىزىل يۇقۇم ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولۇۋاتقان جاينىڭ بىرى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى، ئىلى ئوبلاستى، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلار قىزىل كېسىلى ئەڭ جىددىي ھەم كەڭ دائىرىدە تارىلىۋاتقان جايلار ھېسابلىنىدۇ.
ئىلى ئوبلاستىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ رادىئومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، ئىلى ئوبلاستىدا قىزىل تارقىلىش ئەھۋالى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولۇپ،كۈنەس ۋە تېكەس قاتارلىق ناھىيىلەردە يۇقۇملىنىشنىڭ جىددىي بولۇۋاتقانلىقىدىن ھەتتا دوختۇرخانىلاردا ياتاق يېتىشمەي قالغان ئىكەن، بۇ كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، ئىلى ئوبلاستىدا يېقىندىن بۇيان قىزىل بىلەن يۇقۇملىنىش سەۋەبلىك ئۆلگەنلەر 30 دىن ئاشقان. ئەمما ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى مەخپىي تۇتۇۋاتقان بولۇپ، پەقەت رادىئو - تېلېۋىزورلاردا ئاممىنى تېزدىن ئەتراپتىكى سەھىيە ئورۇنلىرىغا بېرىپ قىزىل ۋاكسىنىسىنى ئوكۇل قىلىشنى ئۇختۇرۇش قىلماقتا ئىكەن.
ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئەمەلىي ئەھۋالنى يوشۇرغانسېرى، ئامما ئارىسىدا ئەجەللىك غەيرى يۇقۇملۇق كېسەللىك تارقالغانلىقى ھەققىدىكى سۆز لەر تارقىلىپ، خەلقنى ساراسىمە باسقان. دەرۋەقە، ئىلى ئوبلاستى قىزىل كېسەللىكى ئەڭ جىددىي تارىلىۋاتقان رايون بولۇپ، ئۇيغۇر ھۆكۈمەت تورى بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى يەنى 21 - يانۋار، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەخسۇس سەھىيە خادىملىرى ھەم ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن تەشكىل تاپقان قىزىلنى كونترول قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنى ئىلى ئوبلاستىغا ئەۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىزىلنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ھەققىدە ئومۇمىي ھالدا مەلۇمات تارقاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىلى ئوبلاستىنىڭ قىزىل يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدە ئايرىم توختالمىغان.
بىز ئىلى ئوبلاستىدا قىزىلنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن غۇلجا شەھىرىدىكى ئاممىغا تېلېفون قىلىپ مەلۇمات ئىگىلەپ كۆردۇق. غۇلجىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۈنەس ناھىيىلىك ھەم يېزىلىق دوختۇرخانىلاردا قىزىل كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار توشۇپ كېتىپ، داۋالىنىش ئۈچۈن غۇلجا شەھەرلىك ھەم ئىلى ئوبلاستلىق دوختۇرخانىلارغا قەدەر بېرىۋاتقان بولۇپ، يۇقۇملانغانلار پەۋقۇلئاددە كۆپ كۆرۈلمەكتە ئىكەن.
بىز بۇ ئىنكاسلارغا ئاساسەن كۈنەس ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا تېلېفون قىلدۇق. بىر سېسترا ناھىيىمىزدە قىزىل يۇقۇمدارلىرى ھەقىقەتەن كۆپ كۆرۈلدى، ئەمما بىز كونترول قىلىۋالدۇق دەپلا باشقا سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمىدى. ئىلى ئوبلاستلىق دوستلۇق دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللىك بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ، ئىلىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنى سورىدۇق، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوختۇر، قىزىل يۇقۇمدارلىرى ھەقىقەتەن كۆپ، ھەر قايسى چوڭ - كىچىك دوختۇرخانىلار ھەممىسىدە قوبۇل قىلىۋاتىمىز دېدى. بىز ئۇنىڭدىن ئىلىدا قىزىل سەۋەبلىك ئۆلگۈچىلەرنىڭ 30 دىن ئاشقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئىگە بولغانلىقىمىز ھەمدە بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇمات بېرىشنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇ سوئالىمىزغا رەددىيە بەرمىگەن بولسىمۇ،يەنىلا يۇقىرى دەرىجىلىك سەھىيە ئورۇنلىرىدىن سورىشىمىزنى ئېيتتى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە تەكىتلىشىچە، ھەر يىلى مۇشۇ پەسىل ئۇيغۇر ئېلىدە قىزىل كېسەللىكىنىڭ تېز تارقىلىش مەزگىلى بولۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ،ئەمما بۇ يىل كىرىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان قىزىل تارقىلىش ئەھۋالى يىللاردىكىدىن جىددىي ھەم كەڭ دائىرىدە بولماقتا ئىكەن. تولۇق بولمىغان سىتاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل قىزىل يۇقۇم ئەھۋالى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 36 ھەسسە كۆپ كۆرۈلگەن.
گەرچە خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا تېز تارىلىۋاتقان قىزىل كېسەللىكىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ۋاكسىنا قىلىش، داۋالاشقا ئوخشاش تەدبىرلەرنى ئېلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئامما، ھۆكۈمەتنىڭ قىزىل كېسەللىكىنىڭ تارقىلىشىغا دەسلەپتە سەل قاراپ،ئاممىنى يۇقۇملىنىشتىن ئاگاھلاندۇرمىغانلىقى ھەمدە ۋاقتىدا كونترول قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن، يۇقۇمدارلارنىڭ ۋە ئۆلگۈچىلەرنىڭ كۆپ كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلىپ نارازىلىق بىلدۈرمەكتە. (گۈلچېھرە)