تەيۋەندە "شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە كېلەچىكى" تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

تەيۋەنن چىڭيۇن تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن "شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە كېلەچىكى" ناملىق خەلقئارا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغا رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا تۇرك جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىيىدىن بولۇپ كۆپ ساندا بىلىم ئادىمى قاتناشقان. يىغىندا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس ئىلمى ماقالە سۇنۇلمىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسى نۇقتىلىق ھالدا مۇلاھىزە قىلىنغان. شۇنداقلا بۇ يىغىندا 12 - ئايدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەخسۇس ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۇش قارارى ئېلىنغان.

بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم چىڭيۇن تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى باشلىقى پروفېسسور دوكتور جيان كۇنفۇ ئەپەندى ۋە بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان دوكتور ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردى.