0:00 / 0:00
7-ئىيۇن كۈنى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل، تارىخ ۋە جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن "ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى" ئېچىلدى.
4 كۈن داۋاملىشىدىغان مەزكۇر يىغىندا، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن ۋە تۈركىيىدىن كەلگەن 50 كە يېقىن مۇتەخەسسىس تۈركىلوگىيە ئىلمىگە دائىر ماقالىلارنى ئوقۇيدۇ.
مەزكۇر يىغىنغا ئۇيغۇرلاردىن دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، دوكتور ئەركىن ئەمەت، تەتقىقاتچى مەخپىرەت كامال قاتارلىقلار قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئىلمىي ماقالىلارنى ئوقۇماقچى.