تۈركىيىدە "شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى" ناملىق يىغىن ئېچىلدى
2006.02.21
18-فېۋرال كۈنى تۈركىيىنىڭ دېڭىزلى شەھىرىدە "شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى" تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.
تۈرك ئوچاقلىرى ۋە كادىرلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرىنىڭ دېڭىزلىدىكى شۆبىلىرى ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر يىغىنغا دېڭىزلى ۋالىسى، ئاممىۋى تەشكىلات رەئىسلىرى بولۇپ، 500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.
تۈركىيە ھاجىتۆپپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باش كاتىپى ھامىد كۆكتۈرك قاتارلىق ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇدى.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.
©
2006 Radio Free Asia