تۈركىيىدە بىر كۈندە ئۈچ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇيغۇرلار ھەققىدە پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى


2006.05.04
alew-ayyildiz-sherqiy-turki.jpg
كونيادا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ژورنالىست ئالېۋ ئاييىلدىز خانىم سۆزلىمەكتە.

شەرقىي تۇركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىر كۈندە 3 ئۇنىۋېرسىتېتتا شەرقىي تۈركسىتاننى تونۇتۇش يىغىنى ئاچتى. بۇ يىغىن تۈركىيىدىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلمەكتە. قەيسىرى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتى، كونيا سەلجۇق ئۇنىۋېرسىتېتى، ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر كۈندە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىن كەڭ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇيغۇر دوستلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

كونيا سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سۇلايمان دەمىرەل زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي تۇركىستان ھەققىدىكى پائالىيەتنى شەرقىي تۇركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ كونيادىكى ۋەكىلى، ژورنالىست ئالېۋ ئاييىلدىز خانىم بىلەن سەلجۇق ئۇنىۋېرستېتى تۇرك دۇنياسى ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئورتاقلىشىپ ئۆتكۈزگەن.

بۇ يىغىن ھەقققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم يىغىننى ئورۇنلاشتۇرغان شەرقىي تۇركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سىيىت تومتۈرك ۋە شەرقىي تۇركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ كونيادىكى ۋەكىلى، ژورنالىست ئالېۋ ئاييىلدىز خانىمنى زىيارەت قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.