ئىزمىردە "شەرقىي تۇركىستان مەسىلىسىنىڭ دۇنيا ۋە تۈركىيە سىياسىتىدىكى ئورنى" تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

ئىزمىردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت ۋە ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىزمىر شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ زالىدا "شەرقىي تۇركىستان مەسىلىسىنىڭ دۇنيا ۋە تۈركىيە سىياسىتىدىكى ئورنى" تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئىزمىردىكى ھەر قايسى ئاممىۋىي تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. يىغىندا ئىراق كەركۈك ۋەخپى باش سېكرېتارى پروفېسسور، دوكتور سۇپھى سائاتچى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخى باشلىقى ئارسلان ئالىپتېكىن، تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت ۋە ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جەلال ئۆزجان قاتارلىق كىشىلەر سۆز قىلدى.