تۈركىيىدە خىتاينىڭ جەنۇبىي كاۋكازىيە سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىلىرى بويىچە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى


2006.06.20

ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيە يەر شارى ئىستراتېگىيە ئىنستىتۇتىدا جەنۇبىي كاۋكازىيىدە ئۆزگەرگەن تەڭپۇڭلۇق ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كاۋكازىيە سىياسىتى ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئۇيغۇر ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ جەنۇبىي كاۋكازىيە يەنى ئەزەربەيجان، ئەرمىنىيە ۋە گرۇزىيەگە قاراتقان سىياسىتى تېمىسىدا سۆز قىلدى.

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆزىدە خىتاينىڭ ئەزەربەيجانغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ سەۋەبى ئېنېرگىيە بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە خىتايلارنىڭ تارىختىن بۈگۈنگىچە تۈركىي مىللەتلىرىگە ئېلىپ بارغان سىياسىتى ئۈستىدىمۇ تەپسىلىي توختالدى. ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.