ئۇيغۇر تارىخچىلار 15 - نۆۋەتلىك تۈرك تارىخ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا


2006.09.14

تۈركىيە تارىخ تەتقىقات ئىدارىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان 15 - نۆۋەتلىك تۈرك تارىخ ئىلمىي يىغىئى ئەنقەرەدە ئېچىلدى. بۇ يىغىنغا 43 دۆلەتتىن جەمى 310 بىلىم ئادىمى قاتناشتى. بۇ ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىدىن تۈركىيە گازى ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ۋارىس چاقان ئەپەندى "تۈركىستانغا كەلگەن خىتاي سەيياھلار ۋە ئۇلارنىڭ ساياھەت خاتىرىلىرى" دېگەن ماقالىسى بىلەن قاتناشتى.

گەرچە خىتايدىن كەلگەن بىلىم ئادەملىرى قاتارىدا ئۇيغۇر دىيارىدا تونۇلغان يازغۇچى ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنىڭ ئىسمى شۇنداقلا ئۇنىڭ "ئۇيغۇر پەيلاسوپلارنىڭ تارىخى" ناملىق ماقالىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تىزىملىككە ئېلىنغان بولسىمۇ ئۆزى بۇ يىغىنغا قاتناشمىغان.

بىز بۇ يىغىن ئېچىلغان بۇيۇك ئاناتولىيە مېھمانخانىسىغا بېرىپ يىغىن ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئىگىلىدۇق. ئازەربايجاندىن كەلگەن بىلىم ئادىمى، باكۇ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى سۇلايمان ئالىيارلى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:

مەن تۈرك تارىخ ئىلمىي يىغىنىغا 11- نۆۋەتلىكىدىن تارتىپ قاتنىشىۋاتىمەن. بۇ يىغىنغا قاتناشقانلىقىمدىن شەرەپ ھەس قىلىمەن. مەن بۇ يىغىننى بىزدەك بىلىم ئادەملىرى ئۈچۈن خۇددى ھاۋا بىلەن سۇغا ئوخشاش زۆرۈر دەپ قارايمەن. ئىلمىي يىغىنىغا جەريانىدا بىر بىرى بىلەن يۇز كۆرۈشۈش، بىر بىرىنىڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى بىلىش، ئۆگىنىش ئەلۋەتتە ھەر ساھەدىكى بىلىم ئادەملىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئەمما بىر تارىخچى ئۈچۈن بۇ تېخىمۇ مۇھىم خۇددى ھاۋا ۋە سۇغا ئوخشاش.

15 - نۆۋەتلىك تۈرك ئىلمىي يىغىنىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى ئەزاسى، تونۇلغان تارىخشۇناس، ئۇيغۇرشۇناس رەشات گەنك ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ بىزگە ئىلمىي يىغىن ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، تارىخ ئىلمىي يىغىن تا باشتىن بېرى تۈرك تارىخىنى پەقەتلا تۈركىيە تارىخى ئەمەس، بەلكى پۇتۇن تۈرك دۇنياسىنىڭ تارىخى دەپ قاراپ كەلدى. ھەم شۇنداق بولۇشى لازىم. چۈنكى تۈرك تارىخى دېگەن ۋاقتىڭىزدا پەقەتلا تۈركىيىدىكى تۈركلەر ئەمەس، تا ئۇيغۇرىستاندىن ياقۇتىستانغىچە، ياقۇتىستاندىن ياۋرۇپاغىچە بولغان كەڭ جۇغراپىيىدە ياشىغان، دولەتلەر قۇرغان، مەدىنىيەتلەر ياراتقان ئەڭ قەدىمى تارىخقا ئىگە بىر مىللەتنىڭ تارىخىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يىغىنلاردا بۇ جۇغراپىيەلەردىكى پۇتۇن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تارىخى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار، بايقاشلار ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. بىز بۇ 15 - نوۋەتلىك تۈرك تارىخ ئىلمىي يىغىنىغا 43 دۆلەتتىن كەلگەن 310 بىلىم ئادىمىنى بۇ يەرگە توپلىدۇق. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

رەشات گەنچ ئەپەندى بىزنىڭ بۇ خىل ئىلمىي يىغىنلارنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ سىياسەت بەلگىلىشى ئۈچۈن قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە، دېگەن سۇئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

بىر دۆلەتلەرنى ئىدارە قىلىۋاتقان دۆلەت ئادەملىرى بىلىمگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ دۆلەت باشقۇرغاندىلا ئىنسانلىق ئالىمى ئۈچۈن پايدىلىق ئىش قىلغان بولىدۇ. بۇ خىل يىغىنلاردا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن، ھەر مىللەت، ھەر ئىرقتىن بولغان بىلىم ئادەملىرى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. دۆلەت ئادەملىرىمۇ بۇنى ئۈلگە قىلىشى كېرەك. ئىكىنجىسى، ھازىر دۇنيادا 7 تۈركىي دۆلەت بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن تۈركىي ئاپتونوم رايونلار، تۈركىي مىللەتلەر بار. بىزنىڭ ئۇلار ياشايدىغان دۆلەتلەردىن بىر تەلىپىمىز بار. ئۇ دۆلەتلەر يەردىكى تۈركىي خەلقلەرنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئوز دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى كۆۋرۈك، دوستلۇق ئەلچىسى، دەپ قارىسۇن. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ئۇلارغا مۇئامىلە قىلسۇن، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ ئادەتلىرىنى، ئىتىقادلىرىنى، مەدەنىيەتلەرنى تەرەققى قىلدۇرۇش پۇرسىتى بەرسۇن. بۇ ئۇلارغا زىيان ئەمەس، ئەكسىچە پايدىلىقتۇر. دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى مانا مۇشۇ يەردە. چۈنكى بۇ يىغىندا يۇقىردا مەن دەپ ئۆتكەنلەر ئۈچۈن ھۇل سېلىنىدۇ. ئاساس يارىتىلىدۇ.

رەشات گەنچ ئەپەندى، سىزنىڭ قارىخانلى دۆلىتىنىڭ دۆلەت قۇرۇلمىسى، دېگەن كىتابىڭىز ئۇيغۇر دىيارىدا نەشىر قىلىندى. ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە باشقا يېڭى بىر تەتقىقاتىڭىز بارمۇ؟

مېنىڭ قاراخانىلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى دېگەن كىتابىم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى بىلەن يېقىندىن مۇناسىۋەتلىك بولغان مەھمۇت قەشقىرىنىڭ نەزىرىدە 11- ئەسىردە تۈرك دۇنياسى ناملىق كىتابىممۇ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئىدى. ئەمما تېخىچە نەشىردىن چىقمىدى. چىققان بولسىمۇ مېنىڭ خەۋىرىم بولمىدى. ئۇيغۇر تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يېڭى بىر تەتقىقاتىم ھازىرچە يوق. ئەمما ئۇيغۇرىستاندىن بۇ يەرگە ماگىستىر، دوكتور ئوقۇغىلى كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا ۋە تۈركىيىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئىلمى ماقالىلەرنى يازدۇرىۋاتىمەن. ئۇلارنىڭ ئىزدىنىشلىرى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئىلمى ماقالىلەرنى كىتاپ قىلىپ نەشىر قىلدۇرغاندىمۇ ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئۈچۈن پايدىلىق بولدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.