6 - نۆۋەتلىك ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتلىرى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى

0:00 / 0:00

تەيۋەن چېڭ يۈن تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن ھەر يىلى ئۇيۇشتۇرۇلۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 6-نۆۋەتلىكى يېقىندا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا قازاقىستان، تاجىكىستان، تۈركىيە ۋە ئىراندىن بولۇپ 30 دىن كۆپ ئىلىم ئادىمى قاتناشقان. ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىدىن دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن دوكتور نۇرانىيە ھىدايەت ئەكرەممۇ قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان.

بۇ يىغىن ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.