تەيۋەندە ئوتتۇرا ئاسىيادا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كېلەچىكى تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى


2006.12.15

تەيۋەن چىڭيۈن تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كېلەچىكى تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىنغا تەيۋەندىكى تېررور مۇتەخەسسىسلىرى قاتناشقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تېررور مەسىلىسى ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىنغان. يىغىندا ھازىر تەيۋەندە تەكلىپ بىلەن دەرس بېرىۋاتقان دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى شەرقىي تۈركىستانچىلارغا ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرى ۋە ئۇنىڭ تەسىرى تېمىسىدا سۆز قىلغان. دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئېيتىشىچە ئوتتۇرا ئاسىيادا تېررورىزم دېگەندە كىشىلەرنىڭ ئەقلىگە بىرىنجى بولۇپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى كېلىدىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە گەرچە خىتاي پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇرلارنى تەررورىست، دەپ ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان كۆز قارىشى بۇنىڭدىن پەرقلىق ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.