Woodrow Wilson مەركىزىدە ئۇيغۇر تارىخىي مۇھاكىمە يىغىنى
2007.03.13

ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تارىخى مەسىلىلىرىنى بىلىش ئېھتىياجىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەنە شۇنداق ئېھتىياجلارنى تەمىن ئېتىش ئۈچۈن بىر قانچە يىللار ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە بولغان ئارىلىقتىكى تارىخىنى سىستېمىلىق يورۇتۇش ئۈچۈن تىرىشقان جورجى توۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جامېس مىللىۋارد ئەپەندى بۈگۈن Woodrow Wilson ئالىملار مەركىزىدە ئۆزىنىڭ "ياۋرو –ئاسىيانىڭ ئۆتكىلى شىنجاڭنىڭ تارىخى" ناملىق كىتابىنىڭ يورۇققا چىقىشى مۇناسىۋىتى بىلەن مەزكۇر كىتابتا ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن مەزمۇنلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. بۇ پائالىيەتكە ۋاشىنگتوندىكى ھەر قايسى ساھەدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار تارىخى ۋە مەسىلىلىرىگە قىزىقىدىغان 50 كە يېقىن كىشى قاتناشتى.
ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى ۋە بۇگۈنكى ئورنى تىلغا ئېلىندى
Woodrow Wilson خەلقئارا ئالىملار مەركىزىنىڭ ئاسىيا پروگراممىسىنىڭ باشلىقى دوكتور مارك ئەپەندى كىرىش سۆز سۆزلەپ، جامېس مىللۋاردنىڭ تەتقىقاتلىرىنى تونۇشتۇردى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ياۋرو ئاسىيانىڭ ئۆتمۈش تارىخىدا جۈملىدىن بۇددىزم، خرىستىيان، ئىسلام دىنى قاتارلىقلارنىڭ خىتايغا كىرىشىدە ئۆتكەل بولۇشتەك مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
"بۇ رايون يەنە خىتاي، تۈركىي، تىبەت ۋە موڭغۇل ئىمپېرىيىلىرىنىڭ ئالاقە قىلىدىغان ھەم بىر-بىرى بىلەن كۈرەش قىلىدىغان ئۆتكىلى بولغان ئىدى. بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى ئۇيغۇرلار، قازاقلار، قىرغىزلارنىڭ ھەممىسى تۈركىي خەلق ھەم مۇسۇلمانلاردۇر، بۇ يەردە ھەم يەنە خىتايلارمۇ بار" دەيدۇ رىياسەتچى سۆزىدە. ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەدىمدىلا ئەمەس بەلكى، بۈگۈنكى كۈندىكى دۇنياۋى سىياسەتتىمۇ تېگىشلىك ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئىسلام رادىكالىزىمىغا قارشى خەلقئارالىق تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇشتىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېڭىدىن دىققەتكە سازاۋەر بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى مۇساپىسى ئەكس ئەتتۈرۈلىدىغان ئومۇمىي تارىخ كىتابى
نۆۋەتتىكى سۆز كىتاب ئاپتورى، دوكتور جامېس مىللىۋاردقا بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ۋودروۋ ۋىلسون خەلقئارا ئالىملار مەركىزىنىڭ بۇ كىتابنىڭ يېزىلىشىغا كۆرسەتكەن ياردىمى ۋە قوللىشىغا بولغان رەھمىتىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن ئېكران ياردىمى بىلەن كىتابنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تونۇشتۇردى.
ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، مەزكۇر كىتاب پەقەت بىر دەۋر ھەققىدە ياكى ئايرىم تېما بويىچە يېزىلغان كىتاب بولماستىن بەلكى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەدىمدىن تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە بولغان تارىخىي مۇساپىسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئومۇمىي تارىختۇر.
ئاپتورنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىگە تايانغاندا، "ياۋرو-ئاسىيا ئۆتكىلى شىنجاڭنىڭ تارىخى" ناملىق بۇ كىتابنىڭ ئالدىنقى ئىككى بابى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جۇغراپىيىلىك تۈزۈلۈشى، گېئولوگىيىلىك ئەھۋالى، قەدىمكى ئارخېئولوگىيىلىك مەدەنىيىتى جۈملىدىن قەدىمكى ھۇنلار، تۈركلەر، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا قەدىمىي يەرلىك قەبىلىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى شۇنىڭدەك دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى قاراخانىلار سۇلالىسى، تۇرپان ئىدىقۇت دۆلىتى قاتارلىق ئۇيغۇر دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىشكە قارىتىلغان.
كىتابنىڭ كېيىنكى بەش بابى 19-ئەسىردىن تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە بولغان ئومۇمىي تارىخىغا بېغىشلانغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ قارىشىچە 19-ۋە 20-ئەسىر تارىخىنى يورۇتۇش كىتابنىڭ ئاساسلىق مۇددىئاسىدىن ئىبارەت. شۇڭا پروفېسسور جامېس مىللۋارد دوكلاتىنىڭ ئاساسىي قىسىمىنى ئۇيغۇرلارنىڭ 19-ئەسىر بولۇپمۇ 20-ئەسىر تارىخىغا قاراتتى. ئاپتورنىڭ يەكۈنىچە، 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى بولۇپمۇ 1949-يىلىغىچە بولغان مەزگىل ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىدىكى مۇھىم باسقۇچ بولۇپ، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئەلى يېڭى سانائەت بىلەن رۇسلار ئارقىلىق ئۇچراشتى، نەتىجىدە ئۇيغۇر تىلىغا رۇس تىلىدىن كۆپلىگەن سانەت ئاتالغۇلىرى كىردى. بۇ مەزگىلدە يەنە ئۇيغۇر ئېلىغا تۈركچىلىك، تۈرك مىللەتپەرۋەرلىكى، مىللىي كىملىك ئېڭى، كوممۇنىزم قاتارلىق تۈرلۈك ئىدېئولوگىيىلەر كىردى.
پروفېسسور جامېس مىللۋارد كىتابىنىڭ ئاخىرقى قىسىملىرىدا بۈگۈنكى كۈندىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ئەھۋالى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تىل، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت سىياسەتلىرى جۈملىدىن 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ قارىشى بويىچە ئالغاندا، 50 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدە كۆپ ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن، ئېگىز بىنالار سېلىنغان، تەرەققىياتلار مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپىيىپ كېتىشى بىلەن ئىش ئورۇنلىرىنى، سودا-تىجارەت ۋە باشقىلارنى خىتايلارنىڭ ئىگىلىگەنلىكى ۋە باشقا تۈرلۈك ئامىللار تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى كۈچىيىپ كەتكەن. ئاخىرىدا ئۇ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
پروفېسسور جامەس مىللۋاردنىڭ 440 بەتلىك مەزكۇر كىتابى 2007-يىلى ئامېرىكىدىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان بولۇپ، مۇقەددىمە، كىرىش سۆز، خاتىمە ھەمدە جەمئىي يەتتە بابتىن تەركىپ تاپقان چوڭ ھەجىملىك كىتابتۇر. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- "خىتاي مەنبەلىرىدە شەرقتىكى تۈركىي مىللەتلەر تارىخى" ناملىق ئەسەر ئىستانبۇلدا نەشىردىن چىقتى
- "ھەقىقەتلەر ۋە يالغانلار" ناملىق ئەسەر تۈركىيىدە نەشىر قىلىندى
- "يىپەك يولى ئۈستىدىكى غېرىپ دۆلەت شەرقىي تۈركىستان" ناملىق كىتاب نەشىر قىلىندى
- "ئۇيغۇر دۆلەتلىرى تارىخى ۋە مەدەنىيىتى" ناملىق ئەسەر ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىندى
- تەيۋەندە ئوتتۇرا ئاسىيادا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كېلەچىكى تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى
- 6 - نۆۋەتلىك ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتلىرى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى
- بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىدا "شەرقىي تۇركىستان ۋە ئىنسان ھەقلىرى" تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
- UNPO نىڭ 8 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا سۇنۇلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارار ماقۇللاندى
- UNPO نىڭ 8 - نۆۋەتلىك ئومۇمى يىغىنى تەيۋەننىڭ پايتەختى تەيبېيدە رەسمىي باشلاندى
- كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن" ناملىق ئەسەر ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىندى