خىتاي چەتتەللەردىكى ئۇيغۇر ئىلتىجاچىلارغا زىيانكەشلىك قىلماقتا

0:00 / 0:00

8 – ئاينىڭ 4 – كۈنى، مۇسا ھاجى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنىڭ گېرمانىيىدىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن يۇرتىغا قايتىپ كېتىشى، گېرمانىيە ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك غۇل – غۇلا قوزغىدى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان چەت`ئەللەردىكى سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلتىجا ئىشلىرىنى قىيىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ھەر خىل ھىلە – مېكىرلەرنى ئىشلىتىشكە باشلىغان. بولۇپمۇ، خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرى گېرمانىيە ئۇيغۇرلىرىنى قايتۇرۇپ ئەكېلىش ئۈچۈن، پائال ھەرىكەتكە ئۆتكەن.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى چەت`ئەللەرگە يالغان ئىلتىجاچىلارنى ئەۋەتىپ، بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئىلتىجاچىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش تەدبىرىنى يولغا قويغان. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرى گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئۈزلۈكسىز تېلېفۇن ئېچىپ، خەت يېزىپ، خىتاينىڭ سىياسىتىنى مەدھىيىلەپ، ئۇلار يۇرتىغا قايتىپ كەلسە پاراۋان تۇرمۇشقا ئېرىشىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى قايتىپ كېلىشكە قۇتراتقان. مۇسا ھاجىنىڭ خىتاينىڭ ئىرادىسى بويىچە قايتىش يولىنى تاللىشى، بۇنىڭ بىر مىسالى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

مۇسا ھاجى يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان، چەت`ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتەرنەت سەھىپىلىرىدە قاتتىق ئەيىبلەنگەن ئىدى. گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى، مۇسانىڭ بۇ خائىنلىق ھەم جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىنى غۇلجىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە بىلدۈرۈپ قويۇش ۋە ئۆز يۇرتىدا ئۇنىڭغا ئاراملىق بەرمەسلىك ئۈچۈن، قولىدىن كىلىدىغان چارىلەرگە مۇراجىئەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە.

د ئۇ ق رەھبەرلىرى، مۇسا ھاجى مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا، خىتاينىڭ گېرمانىيە ئۇيغۇرلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان چارە – تەدبىرلىرى ھەققىدە مەلۇماتلار بەردى. بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمدىن ئاڭلاڭ.