ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتايغا قاراتقان قورال ئىمبارگوسى سەۋەبىدىن ياۋرۇپانى ئاگاھلاندۇردى


2005.03.03
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

مۇشۇ بىر ئىككى كۈندىن بېرى ئامېرىكا مەتبۇئاتلاردا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج ۋ بۇش بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى رەھبەرلىرىنىڭ بىرلىكتە ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشىغا قارشى تۇرغانلىقى ۋە شۇنىڭدەك ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتايغا قورال سېتىپ بېرىشكە قوشۇلغان ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە جازا قوللىندىغانلىقى ھەققىدىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپ ئېلان قىلىندى .

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تاشقى ئىشلار مۇناسىۋىتىگە مەسئۇل بىر قانچە رەھبەر سەيشەنبە كۈنى ئاق سارايغا كېلىپ، پرېزىدېنت جورج بۇش بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، مەتبۇئاتلاردا ئوچۇق بايانات ئېلان قىلىپ، "ئەگەر ياۋرۇپا بىرلىكى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتايغا قاراتقان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشنى قارار قىلسا، ئۇلار تامامەن خاتالاشقان بولىدۇ" دېگەن ئىپادىسىنى ئاشكارىلىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار مۇناسىۋەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى رىچارد لۇگار مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا " ئەگەر ياۋرۇپا بىرلىكى ھەقىقەتەن مەزكۇر قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلسا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى مۇناسىۋەتلىك قانۇن لاھىيىسىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتە ياۋروپانى تۈرلۈك تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى شۇنىڭدەك ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلەش ئىمتىيازىنى چەكلەيدىغانلىقىنى، ھەتتا ياۋرۇپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا بىلەن تۈزگەن سودا ئالاقە پىلانلىرىدا چوڭ ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى" تەكىتلىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار مۇناسىۋىتى كومىتېتىنىڭ ، ياۋرۇپا ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ رەئىسى George Allen نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا بىلەن ياۋرۇپا ھازىر ئىنتايىن كۆپ ھەربىي ھەمكارلىق مۇناسىۋەت تۈرلىرى ئورناتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى تىپتىكى ئۇرۇشچى ئايروپىلان تەتقىق قىلىش كېلىشىمى بار ئىكەن، ئەگەر ياۋرۇپا بىرلىكى خىتايغا قاراتقان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلسا، ئۇنداقتا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قانۇن لاھىيىسى بويىچە ئامېرىكىنىڭ ياۋرۇپا بىلەن بولغان ھەربىي مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلايدىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار مۇناسىۋىتى كومىتېتىدا ئەڭ يۇقىرى ئورۇننى ئىگىلىگەن دىموكراتلاردىن ھېسابلانغان جوسېف بايدېننىڭ قاراشلىرى يۇقىرقى كىشىلەر بىلەن بىردەك بولۇپ، جوسېف بايدېن مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنىدا: " ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىش پىلانىنى ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تامامەن قوبۇل قىلالمايدۇ، ئەگەر ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ بۇ قارارىدا چىڭ تۇرسا، ئۇنداقتا ئامېرىكا بىلەن ياۋرۇپانىڭ ھەربىي، تاشقى ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى زىيانغا ئۇچىرايدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

جوسېف بايدېن سۆزىدە يەنە، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ بۇ مەسىلىنى ياخشى تونۇپ يېتىشىنى ئۈمىت قىلىدىغانلقىنى بىلدۈرۈپ: " ئەگەر بۇ مەسىلىدە ياۋرۇپا بىرلىكى ئامېرىكا بىلەن بىر تەرەپتە تۇرسا، ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىنىڭ ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ" دەپ تەكىتلىدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.