ياۋرۇپا بىرلىكى، قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشتا ئامېرىكىنىڭ قوشۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا

فرانسىيىنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرى مىشېل ئاللىئوت مەرېنىڭ ئېيتىشىچە، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى، ئامېرىكىنىڭ ئالى دەرىجىلىك خادىملىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، خىتايغا قارىتىلغان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

بىراق نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى "ئەگەر ياۋرۇپا بىرلىكى خىتايغا قاراتقان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلسا، ئامېرىكا ياۋرۇپا بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىدە ئۆچ ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئىشلىتىدۇ" دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

مىشېل ئاللىئوت مەرﯤ سۆزىدە يەنە، ياۋرۇپا بىرلىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئارقىلىق، ئامېرىكا خادىملىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا پوزىتسىيىسىنى يۇمشۇتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامما ئامېرىكا دۆلەت خادىملىرىئىڭ قارىشىچە، خىتايغا قارىتا قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىش، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا يول ئېچىپلا قالماستىن بەلكى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خاتا سىگنال بېرىپ قويۇشتەك يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق نۇقسانلىرىغا كۆز يۇمۇش خاتالىقى سادىر قىلىشتەك مەسىلىلەر مەيدانغا كېلىدىكەن.

ياۋرۇپا بىرلىكى 1989 -يىلى خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار دېموكراتىك ھەركىتىنى قوراللىق باستۇرۇش قىلمىشىغا جازا بېرىش ئۈچۈن، خىتايغا قارىتا قورال ئىمبارگوسى يولغا قويغان ئىدى .

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ياۋرۇپانى زىيارەت قىلغان ۋاقىتتا، فرانسىيە پرېزىدېنتى جەك شىراك بىلەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، پرېزىدېنت بۇش: "ئوتتۇردىكى ئىختىلاپلارنى تۈگىتىش ئۈچۈن، ياۋرۇپا بىرلىكى چوقۇم ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ، خىتايغا قارىتا قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىش پىلانىغا قوشۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك" دەپ كۆرسەتتى.

خىتاينىڭ خەلق قۇرۇلتىيىدا ماقۇللاشقا سۇنۇلغان "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن" لايىھىسى، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە بىۋاستە تەيۋەنگە قارىتىلغان ئىكەن. نۆۋەتتە تەيۋەندە بولسا "تەيۋەن مۇستەقىللىقى" كۈندىن - كۈنگە كۈچەيمەكتە.

كۈزەتكۈچىلەر يەنە "پرېزىدېنت بۇش بىلەن پرېزىدېنت شىراكنىڭ قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىش ھەققىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى ھەمدە فرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىتىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئېلىپ بارغان زىيارىتى، ئامېرىكا بىلەن فرانسىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا يول ئاچتى" دىيىشمەكتە. ئىككى يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن ئىراق ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئامېرىكا - فرانسىيە مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەن ئىدى.

پەيشەنبە كۈنى ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، فرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىتىرى شىشېل ئاللىئوت مەرﯤ بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىتىرى رامىسفېلد بىرلىكتە، ئامېرىكا - فرانسىيە ئىككى تەرەپنىڭ بىر قىسىم مەسىللەردە ئورتاق پىكىرگە ئىگە ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ سۈرىيىنىڭ لىۋاندىن قوشۇنلىرىنى لىپ چىقىپ كېتىش مەسىلىسى ۋە بۇنىڭدىن سىرت ئىككى تەرەپ ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەمكارلىق مەسىللىرىدە ئالاھىدە ئىتتىپاقلاشقانلىقىنى تەكىتلىدى. (ئەقىدە)