500 دىن ئارتۇق، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ياۋرۇپا بىرلىكىگە خىتايغا قارىتا قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلماسلىق ھەققىدە يازغان ئوچۇق خېتىدە مۇنداق دېيىلگەن:
"خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، ياۋرۇپا بىرلىكى بۇنداق شارائىتتا قورال چەكلىمىسىنى ھەرگىز بىكار قىلماسلىقى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن بۇنىڭدا خاتا سىگنال بېرىلىپ، سودا مەنپەئەتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقتىن ئۈستۈن ئورۇننى ئىگىلەۋاتقانلىق ئىپادىسى شەكىللىنىدۇ".
ياۋرۇپا بىرلىكىگە، قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلماسلىق ھەققىدە يېزىلغان ئوچۇق خەتكە "تيەنئەنمىن ئانىلار ھەرىكىتى" نىڭ 125 نەپەر ئەزاسى بىلەن 4 - ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرى شۇنىڭدەك خىتاي دېموكراتىك ھەركىتىنىڭ 400 دىن ئارتۇق ئەزالىرى قول قويغان ھەمدە يەنە خىتاينىڭ مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق سەركەردىسى، 4 - ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋاڭدەنمۇ قول قويغان.
ۋاڭدەن، ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: " 89 - يىلدىكى ۋەقە تەلتۆكۈس ئاقلانمىدى، مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قارىتا قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشىغا ھېچقانداق ئاساسى يوق" دېدى.
ۋاڭدەن سۆزىدە يەنە: " غەرب دۆلەتلىرى خىتاي بىلەن ئالاقە ئورناتقاندا، خىتاينىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىنى يۈكسەلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئاددى پۇقرالارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولىشى كېرەك" دەپ تەكىتلىدى.
ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىسسارى خاۋېر سولانا، چارشەنبە كۈنى بۇرۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنىدا، 1989 - يىلى خىتايغا بېرىلگەن قورال چەكلىمىسىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئادىللىق ھىساپلانمايدىغانلىقىنى چۈنكى ھازىر خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بىر قەدەر ياخشىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامما، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ھېچقانداق ئۆزگىرىش ياسىمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى قويۇپ بېرىشنى ۋە 1989 -يىلى خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ تيەنئەنمىن دىموكراتىك ھەرىكىتىنى قوراللىق باستۇرۇش قىلمىشى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
ۋاڭدەن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ: " ئەگەر خىتاي دىموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلمىسى ئاساسىدا تەرەققى قىلمىسا، قانچىلىك قۇدرەتلىك بىر دۆلەت بولغىنى بىلەن، دۇنيا تىنچلىقىغا تەھدىت ئېلىپ كىلىدىغان، ياۋرۇپا مەنپەئەتىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدىغان بىر يولغا قاراپ ماڭىدۇ خالاس"دىدى.
بۇ ئارىدا، ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ 4 نەپەر ئەزاسى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنى، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش پىلانىنى قوللىماسلىققا چاقىردى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئەنگىلىينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەك ستراۋ، بېيجىڭ تەيۋەنگە قارىتا "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇن" نى تۈزۈپ چىقتى. بۇ ئەھۋال ئاستىدا قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش تېخىمۇ ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دېگەن ئىدى.
"نيو - يورك ۋاقتى گېزىتى" سەيشەنبە كۈنى، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ ئامېرىكىنىڭ بېسىمى ئاستىدا خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش پىلانىنى كەينىگە سۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
خىتايغا قارىتىلغان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش پىلانى، ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغاندىن كېيىن، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ ئىككىلىنىشىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن بولۇپ، كۈزەتكۈچىلەر "500 نەپەر خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ بۇ ھەققىدىكى تەلىپى، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش پىلانىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئويلىنىشىغا يول ئاچىدۇ"، دېيىشمەكتە. (ئەقىدە)