ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىران بىلەن قورال سودىسى قىلغان خىتاي شىركەتلىرىگە ئىمبارگو قويدى
2005.12.28
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى ئىران بىلەن نازۇك تېخنىكا ۋە قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللارنى ياساشقا كېتىدىغان ئەسۋابلار سودىسى قىلغان 9 چەتئەل شىركىتىگە ئىمبارگو قويغان بولۇپ، بۇلارنىڭ 6 سى خىتاي شىركەتلىرى، ئىككىسى ھىندىستاننىڭ شىركىتى، بىرى ئاۋسترىيىنىڭ شىركىتى ئىكەن.
قارار "ئىشەنچلىك پاكىتلار" ئاساسىدا چىقىرىلغان
ئىمبارگو قارارى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 2000 - يىلى ماقۇللىغان ئىرانغا قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللارنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش قانۇنى بويىچە چىقىرىلغان. بۇ قانۇن ئىراننىڭ يادرو، بىئولوگىيىلىك ۋە خىمىيىلىك قوراللارنى ياساشقا كېتىدىغان ماتېرىيال مەنبەلىرىگە ئېرىشىشنى چەكلەشنى ئاساس قىلىدۇ.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئەسكەرتىشىچە، ئىمبارگو قارارى 23 - دېكابىردىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغان. ئىمبارگو قارارى بويىچە شىمالىي جۇڭگو سانائەت شىركىتى قاتارلىق 6 خىتاي سانائەت گۇرۇھىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن سودا قىلىش ياكى ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن يۇقىرى تېخنىكىلىق ئەسلىھەلەرنى سېتىۋېلىشى چەكلىنىدۇ.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئادام ئەرەلىي سەيشەنبە كۈنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىمبارگو قارارىنىڭ "ئىشەنچلىك پاكىتلار" غا ئاساسەن چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىمبارگو قويۇلغان شىركەتلەرگە ئامېرىكىدا سودا قىلىش گۇۋاھنامىسى بېرىشنى چەكلەپ، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ بۇ شىركەتلەر مەھسۇلاتىنى سېتىۋېلىشى چەكلىنىدىكەن.
ئادام ئەرەلىي "بۇ قانۇن ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللارنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى چەكلەشتىكى مۇھىم ۋە ئۈنۈملۈك ۋاستە" دەپ كۆرسەتتى. ئادام ئەرەلىي، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىمبارگو قارارىنى ئاقلاپ، "بۇ قارارنىڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئالاقىدار ھۆكۈمەتلەرگە ئۆز دۆلىتىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ" دەيدۇ.
قايتا تەكرارلانغان جازا
بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىران بىلەن نازۇك تېخنىكىلىق قوراللار سودىسى قىلغان خىتاي شىركەتلىرىگە تۇنجى قېتىم ئىمبارگو قويۇشى ئەمەس. بۇ قېتىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىمبارگو قويۇلغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۈچىگە ئىلگىرى ئىران بىلەن قىلغان قورال - ياراق سودىسى سەۋەبىدىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 2000 - يىلى چىقارغان قانۇنى بويىچە ئىمبارگو قويۇلغان. بۇ شىركەتلەرنىڭ بىرى شىمالىي جۇڭگو سانائەت گۇرۇھى بولۇپ، ئامېرىكا دائىرىلىرى بۇ شىركەتنى ئىران بىلەن بولغان قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللار سودىسى سەۋەبىدىن كۆپ قېتىم تىلغا ئالغان.
خىتاي ئىراننى نازۇك تېخنىكىلىق ھەربىي ئەسۋابلار بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئىلگىرى خىتاينىڭ ۋە خىتاي شىركەتلىرىنى ئىراننى باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپ كەلگەنلىكىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئىمبارگو قويۇلغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىرانغا نازۇك تېخنىكىلىق ھەربىي ئەسۋابلارنى ساتقانلىقىنى رەت قىلىپ، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىمبارگو قارارىنى ئەيىبلىدى.
خىتاينىڭ نارازىلىقى
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئىمبارگونى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، "بىز بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىمىز شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو شىركەتلىرىگە ئىمبارگو قويغانلىقىغا قارشى تۇرىمىز" دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، " جۇڭگو ھۆكۈمىتى قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللارنىڭ كېڭىيىشىنى چەكلەش مەسىلىسىدە جىددى ۋە مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيىگە ئىگە شۇنداقلا بىر قاتار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئېلىش ئارقىلىق ئېكسپورتنى باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ كەلدى" دەيدۇ. خىتاي تەرەپنىڭ باياناتىدا يەنە "بىز ئامېرىكىنىڭ بۇ خاتا ھەرىكىتىنى تۈزىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز " دەپ تەكىتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا تەرىپىدىن ئىمبارگو قويۇلغان شىمالىي جۇڭگو سانائەت گۇرۇھى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىمبارگو قارارىنى ئاساسسىز، دەپ ئەيىبلىدى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئەركىن سودىغا يول قويۇشنى تەلەپ قىلدى. مەزكۇر شىركەت چارشەنبە كۈنى تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا،" ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 2003 - يىلى 23 - مايدىن بېرى شىمالىي جۇڭگو سانائەت گۇرۇھىغا بىر قانچە قېتىملاپ ئىمبارگو قويۇپ كەلگەنلىكى ھېچقانداق ئاساسقا تايانمىغان ۋە پەقەتلا توغرا ئەمەس " دەيدۇ.
ئامېرىكا: بەزى شىركەتلەر پايدىنى كۆزلەپ، ئاممىۋى مەنپەئەتكە سەل قارىماقتا
ئامېرىكا ئىراننى يادرو ئېنېرگىيىنى تىنچ مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىشنى باھانە قىلىپ، يادرو قوراللار پروگراممىسىنى تەرەققى قىلدۇرىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىمەكتە ئىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىران بىلەن قورال - ياراق سودىسى قىلغان شىركەتلەرنى پايدىنى كۆزلەپ ئاممىۋى مەنپەئەتكە سەل قاراش بىلەن ئەيىبلىدى. ئادام ئەرەلىي، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىران بىلەن نازۇك تېخنىكىلىق قورال - ياراغلار سودىسى قىلغانلىقىغا دائىر " ئىشەنچلىك پاكىتلار" نى تەپسىلاتى بىلەن ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ، " قىرغىنچىلىق خاراكتېرىدىكى خەتەرلىك تېخنىكىلارنىڭ كېڭىيىشىنى چەكلەش ئاسانغا توختىمايدۇ. بەزى شىركەتلەر ئالىدىغان پايدىنى كۆزلەپ، ئاممىۋى مەنپەئەتكە سەل قارىماقتا" دېدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىمبارگو قويۇلغان خىتاي شىركەتلىرى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە خىمىيىلىك ئەسۋابلارنى ئېكسپورت قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەر بولۇپ، بۇ شىركەتلەر شىمالىي جۇڭگو سانائەت گۇرۇھى، زىبو گۇرۇھى، جوڭگو ئالەم تېخنولوگىيە ئىمپورت - ئېكسپورت شىركىتى، خۇڭدۇ ئاۋىئاتسىيە سانائەت شىركىتى، خەلقئارا ئىقتىسادى ۋە تېخنولوگىيە ھەمكارلىق گۇرۇھى، مېتاللورگىيە ۋە مىنېرال ماددىلار شىركىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئۆتكەن نويابىردا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسكە يوللىغان مەخپىي دوكلاتىدا، ئىراننىڭ يادرو ۋە بىئو - بىئوخىمىيىلىك قوراللارغا كېرەكلىك تېخنىكا ۋە ئەسلىھەلەرگە رۇسىيە، خىتاي، شىمالىي كورىيە ۋە بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن ئېرىشىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىراننى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە خىمىيىلىك قوراللارغا كېتىدىغان ئەسۋابلار بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياۋروپا ئىتتىپاقى پرېزىدېنتى بارروسو، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلىشىنى تەلەپ قىلدى
- گېرمانىيە پارلامېنت باشلىقى خىتاي رەھبەرلىرىگە ئىمبارگونى بىكار قىلىش شەرتىنى تەكىتلىگەن
- ياۋروپا پارلامېنتى خىتايغا يۈرگۈزۈلگەن ئىمبارگونى بىكار قىلىشقا قارشى تۇردى
- خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشقا قەتئى قارشى چىقتى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتايدىكى قوراللارنىڭ تارقىلىشى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
- ياۋرۇپا بىرلىكى، قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشتا ئامېرىكىنىڭ قوشۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتايغا قاراتقان قورال ئىمبارگوسى سەۋەبىدىن ياۋرۇپانى ئاگاھلاندۇردى