ئىمىن تۇرسۇن ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكلات بەردى


2004.10.18

ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا 14- ئۆكتەبىردىن 17- ئۆكتەبىرغىچە ئۈچ كۈن ئوتتۇرا ياۋرو-ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ 5- قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. نەچچە ئونلىغان دۆلەتتىن كەلگەن 400 دىن ئارتۇق ئالىم قاتناشقان بۇ چوڭ يىغىندا 200 دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس 60 مۇھاكىمە مەيدانىغا بۆلۈنۈپ، ئوتتۇرا ياۋرو-ئاسىيانىڭ مىللەت، تارىخ، سىياسەت، ئېكولوگىيە، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە باشقا كۆپ مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ تېمىلار بويىچە ئىلمىي دوكلات بەردى.

بۇ يىغىندا يەنە مەخسۇس ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىمۇ مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئون نەچچە پارچە ماقالە ئوقۇپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر تېمىسى يىغىننىڭ تەرتىپىدە مۇھىم ئورۇن ئالغان.

imin-tursun.jpg

ئوتتۇرا ياۋرو-ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنىدا ئىككى نەپەر ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە ماقالە ئوقۇپ ئۆتكەندىن سىرت يەنە ئۇيغۇر ئېلىغا كەڭ تونۇلغان پېشقەدەم ئالىم ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىمۇ ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماستىن، يىراق مۇساپىلەرنى بېسىپ، يىغىننىڭ 2-كۈنىگە ئۈلگۈرۈپ كەلدى ھەمدە ئۇنىڭغا 16-ئۆكتەبىر كۈنى ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ياۋرو-ئاسىيا فاكۇلتېتى مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە ئۇيۇشتۇرۇپ بەردى.

ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ دوكلاتى ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرشۇناس مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق پەنىگە يېڭىدىن قەدەم قويۇۋاتقان ئاسپىرانتلار شۇنىڭدەك باشقا قىزىققۇچىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. چۈنكى، ئۇنىڭ 80 ياشلىق ھايات مۇساپىسى جۈملىدىن ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 30-40-يىللاردىكى سىياسىي بوران-چاپقۇنلىرىنى ۋە مەشھۇر ئۇيغۇر سىياسىيونلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىدەك شاھىدلىق ئەۋزەللىكى شۇ دەۋرنى تەتقىق قىلىۋاتقان پروفېسسورلارنىڭ ئالاھىدە قىزىقىشىنى قوزغىغانلىقى ئۈچۈن دوكلاتنىڭ تېمىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىنى ئاساسىي نۇقتا قىلدى.

ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ياۋرو-ئاسىيا فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇرشۇناس دوكتور گاردنېر بوۋىڭدون ئەپەندى ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ئىمىن تۇرسۇننىڭ ھايات-پائالىيەتلىرىگە باھا بېرىپ، ئىمىن تۇرسۇننىڭ 40-يىللاردىكى ھەر قايسى ئۇيغۇر مەشھۇر ئەربابلىرى بىلەن ھەم سۆھبەتتە بولۇشى ھەمدە ئۇنىڭ شۇ دەۋر ۋەقەلىرىگە ئاڭلىق رەۋىشتە ئارىلىشىشىنىڭ ئەمەلىي تارىخىي پاكىتلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.