خىتايدىكى رەھىمسىز جەڭ -ئالىي مەكتەپكە تاللاپ قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى


2007.06.07

خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئالىي مەكتەپلەرگە تاللاش بىر تۇتاش ئىمتىھانى، 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى رەسمى باشلاندى.

بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئوتتۇز يىلدىن بېرى ئەڭ كۆپ بىر يىل بولۇپ، 154 مىڭغا يەتكەن. ئىمتىھان مائارىپى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان خىتايدا، مەملىكەت بويىچە ھەر يىلى بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ ۋەھىمىلىك ھەم قورقۇنچلۇق بىر باسقۇچ بولۇپلا قالماي يەنە ئۇلارنىڭ ئاتا ئانىلىرى ھەمدە ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ ئوخشاشلا ئەنسىزلىككە سالىدىغان بىر جىددى پەيتتۇر، چۈنكى مۇشۇ ئىمتىھان نەتىجىسى خىتايدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەقدىرى بەلگىلىنىدىغان بىر ئۆتكەل بولۇپ كەلمەكتە. ئەمما بۇ خىل يۇقىرى بېسىم كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئىمتىھان ئېلىش ئۇسۇلى نۇرغۇن تەنقىدلەرگە ئۇچرىماقتا.

خىتايدا ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر، قوبۇل قىلىنىدىغان ئەمەلىي ساننى ئىككى قاتلايدۇ

7 - ئىيۇن ۋە 8 - ئىيۇن ئىككى كۈنلىرى، خىتايدىكى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاتا ئانىلىرى ئۈچۈن قاباھەتلىك كۈنلەر ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، بۇ كۈنلەر خىتاينىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش ئىمتىھان كۈنلىرىدۇر.

خىتايدىكى مائارىپ تور بەتلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل خىتايدىكى بۇ بىر تۇتاش ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانىغا قاتناشقۇچىلار ئون مىليون بىر يۈز مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ،بۇلتۇرقىغا قارىغاندا يەنە 600 مىڭ ئوقۇغۇچى كۆپەيگەن، يەنى بۇ يىل، بەش مىليون 670 مىڭ ئوقۇغۇچى خىتايدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپ ھەمدە ئالىي تېخنىكوملارغا تاللاپ قوبۇل قىلىنماقچى، دېمەك ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئەمەلىي قوبۇل قىلىش سانىدىن ئىككى ھەسسە جىق. ئىمتىھانغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار قۇربىنىڭ يېتىشىچە مۇشۇ چەكلىك ساننىڭ ئىچىگە كىرىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ، شۇڭا بۇ خىتايدا "رەھىمسىز جەڭ" دەپ ئاتالغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىن بۇ يىل 154 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپكە تاللاش ئىمتىھانىغا قاتناشتى. 7 - ئىيۇندىكى ئىمتىھاندا چۈشتىن بۇرۇن تىل ئەدەبىياتتىن، چۈشتىن كېيىن ماتېماتىكىدىن ئىمتىھان ئېلىنغان.

8 - ئىيۇن كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئىجتىمائىي پەنلەر بىرلەشمە ئىمتىھانى چۈشتىن كېيىن تەبىئىي پەنلەر بىرلەشمە ئىمتىھانى ئېلىنىدۇ.

بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپلەرگە بىر تۇتاش قوبۇل قىلىش ئىيۇلنىڭ بېشى باشلىنىپ 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى پۈتۈنلەي ئاخىرلىشىدۇ. جۈملىدىن بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئوخشاشلا ۋاقىتتا ئېلىنغان ئالىي مەكتەپكە تاللاش ئىمتىھانىغا جەمئىي 154 مىڭ 96 ئوقۇغۇچى قاتناشقان بولۇپ، بۇ سان ئوتتۇز يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سان ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىدە 175 ئىمتىھان ئېلىش نۇقتىسى بېكىتىلگەن بولۇپ، ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئىلگىرىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاشلا ئىمتىھان مەيدانىغا خۇددى جەڭگە كىرگەندەك جىددى كەيپىياتتا كىرگەنلىكىنى مۆلچەرلەش تەس ئەمەس. چۈنكى، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىغا تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئىمتىھان سوئاللىرى قويۇلغان بولسا، ئۇلارنىڭ زىممىسىگە ئاتا- ئانىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئارزۇ- ئۈمىدلىرى يۈكلەنگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر قايسى ئاخبارات تور بەتلىرىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن سۈرەتلىك خەۋەرلەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پەرزەنتلىرىنىڭ بۇ ئۆتكەلدىن نەتىجىلىك ئۆتۈشىگە ئىلھام بېرىش ئۈچۈن كەلگەن ئاتا ئانىلارمۇ بالىلىرىغا ئوخشاشلا ھاياجانلانغان،جىددىيلەشكەن، چارچىغان بولۇپ، ئۇلار بالىلىرىنىڭ بۇ سۈرلۈك ئىمتىھان مەيدانىدىن قانداق كەيپىياتتا چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن تەقەززا بولغان.

ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھاندىن قاتتىق بېسىم ھېس قىلىدۇ

ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم خىتايچە ئوتتۇرا مەكتەپتىن خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا قاتناشقان بىر ئۇيغۇر قىز ئىمتىھاندىن كېيىن ئۇيغۇرچە ھەم خىتايچىنى ئارىلاشتۇرۇپ تۇرۇپ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

بۇ قىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئەسلىدىنلا سۈرلۈك بولغان بۇ ئىمتىھان مەيدانلىرىغا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆچۈرۈش ھەرىكەتلىرىنى نازارەت قىلىش ئاپپاراتلىرى قويۇلغانلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇغۇچىلاردا تېخىمۇ جىددىيلىك پەيدا قىلغان شۇنداقلا ئىمتىھان مەيدانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىددىيلەشكىنىدىن ھوشىدىن كېتىش ھادىسىلىرىمۇ يۈز بەرگەن.

خىتاينىڭ ئۇزاق تارىختىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىمتىھان ئېلىش تۈزۈلمىسى باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن تارتىپ، ھەر ساھە، ھەر كەسپ ۋە ئىدارە جەمىيەتلەرگىچە ئومۇملاشقان بولۇپ،شۇ سەۋەبلىك خىتايدىكى مائارىپ سىستېمىسى مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن ئىمتىھان مائارىپى دەپمۇ باھالىنىدۇ. بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش ئىمتىھانى ئارقىلىق شاللاپ، ياشلارنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇر بىلىم ئېلىش، ئىزدىنىش نەتىجە قۇچۇش يولىنىڭ چەكلىنىۋاتقانلىقى، خىتاي زىياليلىرى جۈملىدىن خىتاي مائارىپ سىستېمىسىغا مەجبۇرلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.

نۆۋەتتە ئامېرىكىدىكى مەلۇم داڭلىق ئالىي مەكتەپتە دوكتورلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇۋاتقان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر قىز خىتايدىكى ئىمتىھان نەتىجىسىگە قاراپلا ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى تاللاش سىياسىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ناھەق بىر تەدبىر ئىكەنلىكىنى تەنقىد قىلىپ،" خىتاي ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىستىقبالىنى بەلگىلەشنى ئۆزگەرتىشى كېرەك" دېدى.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە تورىدا خىتايدىكى ئالىي مەكتەپكە تاللاش بىر تۇتاش ئىمتىھانى ھەققىدە 7 - ئىيۇن بېرىلگەن بىر ماقالىدە كۆرسىتىشىچە خىتايدىكى ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان مەزگىلىدە ئىنتايىن جىددى روھىي بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل ئىمتىھان بېسىمى ئاز دېگەندە بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا ئىكەن.

مەزكۇر ماقالىدە مۇخبىرنىڭ بەزى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە " خىتايدا بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىر ئىككى كۈندىكى ئىمتىھان نەتىجىسى ئارقىلىقلا ئۇنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى بەلگىلەشتەك بۇ خىل ئىمتىھان تۈزۈمىنى ئىسلاھات قىلىشنى كېرەك، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىستىقبالى ھەم ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەردە بىلىم ئېلىش يولىنى تارلاشتۇرماقتا."

خىتايدا مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئالىي مەكتەپلەرگە تاللاش ئىمتىھانى مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ قوللىنىلىۋاتقانلىقىغا بۇ يىل 30 يىل بولدى. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.