ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار يەنىمۇ ئېغىر بېسىم ھەم ناھەق رىقابەتكە دۇچ كەلمەكتە


2007.06.08

8 - ئىيۇن خىتايدا مەملىكەت بويىچە ئېلىنىدىغان ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئاخىرلاشتى، بۇ ئىمتىھانغا قاتناشقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاتا ئانىلىرىمۇ خۇددى مۈرىسىدىكى ئېغىر تاغنى ئۆرىۋەتكەندەك يېنىكلەپ قالغان بولسا كېرەك.

ئەمما، ئۇلارنىڭ ئالدىدا يەنە ئىمتىھان نەتىجىسىنى كۈتۈش، كۆڭلىدىكىدەك ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىشىنى كۈتۈش ۋە شۇنىڭغا كېتىدىغان راسخوتىنىڭ غېمىنى قىلىشتەك نۇرغۇن تەقەززالىقلار ھەم بېسىملار تۇرۇپتۇ.

خىتاينىڭ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش ئىمتىھانى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى بەلگىلەش، خىتاي پۇقرالىرىغا ئېغىر بېسىم ئېلىپ كېلىۋاتقان ناھەق بىر تەدبىر دەپ قارالماقتا.

ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ قارىشىچە بۇ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ ناھەق، قاتمۇ -قات غەم ئەندىشە ھەم بېسىملارنى ئېلىپ كەلمەكتە

يۇقۇردىكى ئۇلىنىشتىن، كانادا ھەمدە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان بۇ خىل قاراشتىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرى بىلەن گۈلچېھرەنىڭ ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىگە دىققەت بېرىڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.