ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپ ۋە مەكتەپ تاللاشتا كۆپ تەرەپلىمە چەكلىمىگە ئۇچرىشى ھەققىدە قاراشلار

0:00 / 0:00

بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپلەرگە تاللاش ئىمتىھانى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن, ئوقۇغۇچىلار ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى يەنە مەكتەپ ھەمدە كەسپ تاللاشتەك ئىككىلىنىدىغان قايمۇقۇشلۇق بىر مەزگىلنى باشتىن كەچۈرىدۇ . گەرچە ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئوخشاش تەلەپ بويىچە ئىمتىھان بەرسىمۇ, ئەمما ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان نەتىجە چەكلىمىسىدىن باشقا يەنە مەكتەپ ھەمدە كەسپ تاللاش يوللىرىدىمۇ توسالغۇ , شۇنىڭدەك تۈرلۈك چەكلىمىلەرگە ئۇچراپ كەلمەكتە.

ئوقۇغۇچىلار مەكتەپلەرنى تاللاشنى ئاخىرلاشتۇردى

بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىش مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھانى خىتايدا 7 - ئىيۇن ۋە 8 -ئىيۇن ئىككى كۈن داۋاملاشتى . 10 - ئىيۇندىن باشلاپ 12 - ئىيۇنغىچە بولسا ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئارزۇلىرى بويىچە كەسپ ھەمدە مەكتەپلەرنى تاللاشنى ئاخىرلاشتۇردى. ئەمدىلىكتە ئۇلار ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە.

25 - ئىيۇن كۈنى مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىش ئىمتىھان چېكى ھەمدە ئىمتىھان نەتىجىلىرى بىراقلا ئېلان قىلىنماقچى. خىتاي, جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر 6 - ئىيۇلدىن باشلاپ رەسمى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا باشلايدۇ.

كەسىپ ھەمدە مەكتەپ تاللاشتىن ئىبارەت بۇ ئۆتكەل يەنە بىر مۇھىم سىناق

ئارزۇ تولدۇرۇش يەنى كەسىپ ھەمدە مەكتەپ تاللاشتىن ئىبارەت بۇ ئۆتكەل ، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن يەنە بىر مۇھىم سىناق ھەمدە رىقابەت مەيدانى ھېسابلىنىدۇ.

ئارزۇ تولدۇرۇش جەدۋىلىنى تولدۇرۇش ئالدىدا ھەر قانداق بىر ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچى ئىككىلەنمەي قالمايدۇ , چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەخمىن قىلىش ئاساسىدا قىياس قىلغان نەتىجىسى دائىرىسى ئىچىدە مەكتەپ ھەمدە ياقتۇرغان كەسىپلىرىنى تاللايدۇ. بىراق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بۇ جەرياندا تېخىمۇ جىق ئىككىلىنىش ۋە توسالغۇغا دۇچ كېلىدۇ .

بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە كانادادا تۇرۇشلۇق رۇقىيە خانىم بىلەن ئامېرىكىدىكى تارىخ پەنلىرى دوكتورى قاھار بارات قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (گۈلچېھرە)