كومپارتىيە خىتايدا "ئىناق جەمئىيەت" قۇرالامدۇ ؟


2006.10.11

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ چارشەنبە كۈنى يېپىلغان 16 - نۆۋەتلىك 6 - ئومۇمى يىغىنى خىتايدا "سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت" بەرپا قىلىش چاقىرىغىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي رەھبەرلىرى باي – كەمبەغەللىك پەرقىنى ئازايتىشقا ۋەدە بەرگەن

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي رەھبەرلىرى يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا كۈنسېرى چوڭىيىۋاتقان ۋە ئىسيانلارغا سەۋەبچى بولۇۋاتقان خىتاي جەمئىيىتىدىكى باي -كەمبەغەللەر پەرقىنى ئازايتىش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. خىتاي مەتبۇاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يىغىن باراۋەر ۋە ئادىل جەمئىيەت تەرەققىياتى، ئىقتىسادى- ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك مەسىلىلەرگە دائىر بىر قاتار قارارلارنى چىقاردى.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، خىتاي كومپارتىيىسى باش سېكرىتارى خۇ جىنتاۋنىڭ "مۇھىم" سۆز قىلغانلىقىنى ۋە 6 - ئومۇمى يىغىننىڭ ئاخباراتى ماقۇللانغانلىقىنى بىلدۈردى. خۇ جىنتاۋ يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا كومپارتىيە ۋەكىللىرىگە "سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مۇھىم نىشانىمىز " دەيدۇ. خىتاي رەھبەرلىرى خىيانەتچىلىك، ئىشسىزلىق ۋە يەرسىز قالغان دىھقانلارنىڭ ئۆزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان نارازىلىقىغا دۇچ كەلمەكتە. خۇ جىنتاۋ ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپ رەھبەرلىك قاتلىمى بۇنىڭدىن 4 يىل بۇرۇن ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىققاندا يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش، نامرات رايونلارنىڭ سەھىيە ۋە مائارىپ ئىشلىرىنى ياخشىلاش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. يىغىننىڭ چارشەنبە كۈنكى ئاخباراتىدا "سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا توسالغۇ ۋە مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۈت " دېيىلگەن.

سىدىق ھاجى روزى: خىتاينىڭ ھازىرقى شارائىتتا "ئىناق جەمئىيەت" بەرپا قىلىش مۇمكىنچىلىكى مەۋجۈت ئەمەس

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، بۇ قېتىمقى ئومۇمى يىغىننىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات مەسىلىسىنى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەردىن مۇھىم ئورۇنغا قويغان تۇنجى يىغىن بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. لېكىن ئامېرىكىدىكى سىياسى ئوبزورچى سىدىقھاجى روزى، خىتاينىڭ ھازىرقى شەرت - شارائىتىدا "ئىناق جەمئىيەت" بەرپا قىلىش مۇمكىنچىلىكى مەۋجۈت ئەمەس، دەپ كۆرسەتتى. ‏

بۇ قېتىمقى يىغىن 2020 - يىلغىچە قانۇننى مۇكەمەللەشتۈرۈش، قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇش، خەلق ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، شەھەر - يېزا ۋە رايونلار ئارىسىدىكى تەرەققىيات پەرقىنى ئازايتىش، مۇھىتنى ئۆزگەرتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مەۋجۈت رەھبەرلىك گۇرۇھى دېموكراتىك ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەلەپلىرىنى رەت قىلماقتا. خۇ جىنتاۋ بۇ قېتىمقى يىغىندا پارتىيە ئىچىدە دېموكراتىيىنى كېڭەيتىشنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ دېموكراتىك ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى رەت قىلدى.

خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى بۇ ھەپتە ئىچىدە خۇ جىنتاۋنىڭ "ئىناق جەمئىيەت" نەزىرىيىسى ۋە پارتىيە ئىچى دېموكراتىيىنى كېڭەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. پارتىيە ئىچىدىكى تەنقىدچىلەر خۇ جىنتاۋنىڭ نەزىرىيىسى خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس، دەپ قارىماقتا.

خىتايدا ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرالار، پارتىيە بىلەن پۇقرالار مۇناسىۋىتى ئىناق ئەمەس

شەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرى، خۇ ياۋباڭنىڭ سابىق كاتىپى لىن مۇ، خوڭكوڭدا چىقىدىغان "چۇقان" جۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خۇ جىنتاۋ ۋە ۋېن جياباۋلارنى سىياسى جەھەتتىكى ئىناقلىقنى تەكىتلەشتىن ئۆزىنى قاچۇردى، دەپ تەنقىدلىگەن. ئۇ، "شۈبھىسىزكى سىياسى ئىناقلىق مۇقەررەر ھالدا دېموكراتىيە، قانۇن - تۈزۈم ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە چېتىلىدۇ. سىياسى ئىناقلىق بولمىسا، كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىناقلىقنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئىناق جەمئىيەتتىكى تۈپ مەسىلە ئادەملەر بىلەن ئادەملەر مۇناسىۋىتىدۇر. دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتايدا "كىشىلەر بىلەن كىشىلەر مۇناسىۋىتى، بولۇپمۇ ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرالار، پارتىيە بىلەن پۇقرالار مۇناسىۋىتى ئىناق ئەمەس". ئوبزورچى سىدىقھاجى روزىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى بىر پارتىيە دىكتاتۇرلۇقىدىن ۋاز كەچمىگىچە، خىتايدا "ئىناق جەمئىيەت" بەرپا قىلىش دېگەنلىك قۇرۇق تەسسەۋۇردىن ئىبارەت.

بۇ قېتىمقى يىغىن شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم سېكرىتارى چېن لياڭيۈي خىيانەتچىلىككە چېتىلىپ قېلىپ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن باشلىنىش ئالدىدا كۆزەتكۈچىلەر، يىغىندا چېن لياڭيۈينىڭ خىيانەتلىك دىلوسى بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يىغىن ئاخباراتىدا چېن لياڭيۈي دىلوسى ۋە خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش تىلغا ئېلىنمىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.