0:00 / 0:00
نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانا شتاتىدىكى ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا، ئوتتۇرا، ياۋرو - ئاسىيا ئىلمىي جەمىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىلىۋاتىدۇ. مەلۇماتلارغا قارىغاندا مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇرلار ھەققىدە 15 يېقىن تەتقىقات ماقالىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشتىن سىرت، ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن تەتقىقاتچىلارمۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلىدىكەن.
رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا بۇ ھەقتە ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئۈچۈن، نەق مەيداندا كۆزىتىش ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇخبىرىمىز ئۈمىتۋارنىڭ مۇخبىرىمىز ئەقىدە بىلەن بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.