خەلقئارانىڭ بۇشنىڭ قايتا پرېزىدېنتلىككە سايلىنىشىغا بولغان ئىنكاسى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج ۋ بۇش چارشەنبە كۈنى، ئومۇمىي سايلام ئاۋازىنىڭ 51٪ گە ۋە 274 سايلىغۇچىلار بېلىتىگە ئېرىشىپ، رىقابەتچىسى دېموكراتچىلار پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى جون كەررىينى يەڭدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەت رەھبەرلىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ يەنە بىر قارار پرېزىدېنتلىككە تەيىنلەنگەنلىكىنى ئارقا-ئارقىدىن تەبرىكلەشتى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇشنى تەبرىكلىگەنلەرنىڭ ئارىسىدا، ئامېرىكىنىڭ ستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق شېرىكى بولغان خىتاينىڭ رەئىسى خۇ جىڭتاۋمۇ بار بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن نۆۋەتتىكى " ستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق" مۇناسىۋىتى ئەمەس، بەلكى قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تەقەززا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇرۇشنى قوللىغانلارنىڭ ئىنكاسى

ئامېرىكا بىلەن تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا باشتىن-ئاخىر بىللە ھەمكارلاشقان ئەنگلىيىنىڭ باش مىنىستىرى تونى بلېر بۇشنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى "بۆلۈنگەن ۋە مۇقىم بولمىغان دۇنيا" ھالقىلىق پەيتتە تۇرغان مەزگىلدە قايتا پرېزىدېنتلىككە سايلانغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا بۇشنى يېقىندىن قوللاپ كەلگەن ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى جون خاۋورد، بۇشنىڭ قايتا پرېزىدېنتلىككە سايلىنىشىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنىڭ بىر قېتىملىق غەلىبىسى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغانمۇ بۇشنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، بۇ سايلامنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە تىنچلىق ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇرۇشقا قارشى تۇرغانلارنىڭ ئىنكاسى

ئىراق ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇپ كەلگەن گېرمانىيە، فرانسىيە ۋە رۇسىيە دۆلەت رەھبەرلىرىمۇ بۇشنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن سۆزىدە، " بۇشنىڭ قايتا سايلىنىشى، ئامېرىكا خەلقىنىڭ تېررورىستلاردىن قورقۇپ قالمىغانلىقىنى نامايەن قىلىدۇ" دېدى.

ئەرەپ دۇنياسىدىكى ئىنكاسلار

ئەرەپ دۆلەتلىرىدە بولسا، بۇشنىڭ قايتا سايلىنىشىغا قارىتا ئاساسىي جەھەتتىن ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى شەكىللەندى. چۈنكى، ئەرەپ دۆلەتلىرى بۇشنىڭ ئىراققا ھۇجۇم قىلىشىغا باشتىن-ئاخىر نارازى بولۇپ كەلگەن ئىدى.

ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلىتى بولغان مىسىرنىڭ پرېزىدېنتى ھۆسنى مۇبارەك بۇشنى تەبرىكلىگەندە، ئوتتۇرا شەرقنىڭ نۆۋەتتە تىنچلىق تەرەققىياتىغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى، ھەمدە ئۆزىنىڭ بۇشنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، بۇ رايوننىڭ تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىراقتا بولسا بۇشنىڭ قايتا سايلىنىشىغا قارىتا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار شەكىللەندى. بەزىلىرى بۇشنىڭ قايتا سايلىنىشىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسە، يەنە بەزىلىرى ئۇنىڭ قايتا سايلىنىشىغا نارازى بولۇپ، بۇشنىڭ ئىراققا بالا-قازادىن باشقا ھېچنىمە ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

غەب مەتبۇئاتلىرىدىكى ئىنكاسلار

بۇ ئارىدا دۇنيادىكى بارلىق مەتبۇئاتلاردىمۇ بۇھەقتە تۈرلۈك قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئەنگلىيەدە چىقىدىغان " مۇستەقىللىق گېزىتى" نىڭ باش بېتىگە "يەنە 4 يىل" دېگەن خەت بىلەن قولىدا لوزونكا كۆتۈرگەن بۇشنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ رەسىمى قويۇلدى. لوزونكىدا، " ئاخىرى بىر خىرىستىئان رەزىللىك بىلەن كۆرەش قىلىدىغان بولدى. بۇش سىزگە رەھمەت" دېگەن سۆزلەر يېزىلغان. ئەمما ئەنگلىيىدە چىقىدىغان " كۈندىلىك ئەينەك گېزىتى" دەپ ئاتالغان بىر لېبىرال گېزىت بولسا باش بېتىگە، " قانداق قىلىپ ئامېرىكىدىكى 59 مىليون كىشى شۇنچە دۆت" دېگەن سۆزنى باسقان.

فرانسىيە " دۇنيا كۈندىلىك گېزىتى" ياۋروپالىقلارنىڭ، بۇشنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئامېرىكا سايلىمىدا تېرروچىلىققا قارشى خەلقئارا ئۇرۇشنى مەركىزىي ئىدىيە قىلغانلىقىنى قەتئى چۈشەنمەيدىغانلىقىنى يازغان.

ئامېرىكىدىمۇ بۇشنىڭ قايتا سايلىنىشىغا قارىتا ئىنكاسلار ھەر خىل بولۇپ، جون كەررىينىڭ قوللىغۇچىلىرى بۇنىڭدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ئىدى. ئەمما ئالدىنقى كۈنى جون كەرىي تېلېۋىزوردا نۇتۇق سۆزلىگەن چېغىدا، ئۆزىنىڭ ئامېرىكا خەلقىغە خىزمەت قىلىش ئىرادىسىنىڭ بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمايدىغانلىقىنى، گەرچە سايلامدا ئامېرىكا خەلقى ئىككى تەرەپكە ئايرىلسىمۇ، ئەمما سايلام كۈنىنىڭ ئەتىسى ھەر بىر كىشىنىڭ يەنىلا بىر ئامېرىكىلىق سۈپىتىدە ئويغىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. بۇشمۇ تېلېۋىزور نۇتۇقىدا، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن رىقابەتچىسى كەررىينى قوللىغان ئامېرىكا خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلدى.

خىتاي مەتبۇئاتلاردىكى ئىنكاسلار

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىمۇ بۇشنىڭ قايتا سايلىنىشىغا قارىتا تۈرلۈك ئىنكاسلار ئېلان قىلىندى. "خىتاي كۈندىلىك گېزىتى" بۇشنىڭ، " بۆلۈنگەن ۋە تەشۋىشكە تولغان ۋەزىيەت" تە قايتا سايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، " خەلق گېزىتى" ، بۇش گەرچە سايلامدا ئۇتۇپ چىقسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكىلىقلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، غەلىبە قىلىشقا ۋەدە بەرگەن تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا ئۇتۇپ چىقىش قاتارلىق ئېغىر ۋەزىپىسىنىڭ بارلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداش-ئورۇندىيالماسلىقىنى يەنىلا ئەمەلىيەت ئىسپاتلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)