
ئۆتكەن ھەپتىدە ئۆزبېكىستاننىڭ ئەندىجان شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن پاجىئەلىك ۋەقە خەلقارا ۋە رۇس تىللىق مەتبۇئاتلارنىڭ بىر مەيدان قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. ھەر كۈنى دېگۈدەك ئېلان قىلىنىۋاتقان تۈرلۈك ماقالىلار ۋە ئۇچۇرلار خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى ھەم مەتبۇئاتلارنىڭ مەركىزىي تېمىسىغا ئايلاندى.
مەتبۇئاتلاردىكى ماقالىلارنىڭ مەزمۇنلىرى ئاساسلىقى، ئەندىجان ۋەقەسىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، ئۆزبېكىستاندا داۋاملىشىۋاتقان سىياسىي ۋەزىيەت ھەم ئىسلام كەرىموپنىڭ تۈزۈمى شۇنىڭدەك ئىسلام كەرىموپنىڭ خۇسۇسىي سىياسىي مەيدانى ۋە باشقىلارغا قارىتىلغان بولۇپ، كۆز قاراشلار ۋە باھالار ھەر خىل بولماقتا.
ۋەقەنىڭ سەۋەبى: ئىسلام كەرىموپنىڭ مۇستەبىتلىكى
ئەندىجان ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، كىشىلەر بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى ھەر خىل نۇقتىدىن كۆزەتتى، بىر قىسىم كۈزەتكۈچىلەر بۇنىڭ ئالدى بىلەن ئىقتىسادىي مەسىلىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇپ، ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن شەكىللەنگەن ھەم كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان ئىقتىسادىي ھاياتنىڭ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ۋە سىياسىي كۆز قارىشىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ھەتتا بۇ ئەھۋالنىڭ بەزى پۇقرالاردا رادىكاللىق خائىشلىرىنى پەيدا قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.
ماقالىلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆزبېكىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاھالىسى ئەڭ كۆپ ۋە زىچ دۆلەت، پەرغانە ۋادىسىدا بولسا پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ئاھالىسىنىڭ 20٪ ئى ياشايدۇ. ئەندىجان ئوبلاستى ئۆزبېكىستاننىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ رايونلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ جايدا ئاھالىنىڭ زىچلىق دەرىجىسى يۇقىرى ، ئىشسىزلىق ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، ئۆزبېكىستان نوپۇسىنىڭ 30٪ مەزكۇر ئوبلاستقا جايلاشقان ئىكەن.
لېكىن، باشقىمۇ كۆز قاراش مەۋجۇت بولۇپ، ئىسلام كەرىموپ ئۇزۇندىن بۇيان توغرا بىر سىياسەت يۈرگۈزۈش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قالغان بولۇپ، ئۇ ھاكىممۇتلەقلىقنى كۈچەيتىۋېتىش بىلەن خەلقنىڭ نارازىلىقلىرىنى ئۇلۇغلايتتى. بۇ ئىككى خىل نۇقتا بىرلىشىپ، خەلقتە كەرىموپ تۈزۈمىگە قارشى يوشۇرۇن قارشىلىق ئىدىيىسىنى پەيدا قىلدى.
پنىڭ غەلىبىسى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ مەغلۇبىيىتى
ئەندىجان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاممىۋى قارشىلىقلار ئىسلام كەرىموپنىڭ ھەربىي قوشۇنلىرىنى ئىشقا سېلىشى بىلەن تىنچلاندى شۇنىڭدەك ۋەزىيەت ھۆكۈمەت تەرىپىدىن دەسلەپكى قەدەمدە كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىندى. بىراق، ئىش شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتىمۇ؟
نۆۋەتتە، بۇ تېما مۇلاھىزىچىلەرنى ئەڭ قىزىقتۇرىۋاتقان بولۇپ، ئۆزبېك مۇلاھىزىچىلىرى بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەزىيەت ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئۆكتىچى "بىرلىك خەلق ھەرىكىتى "نىڭ رەھبىرى ئابدۇرېيىم پولاتوپ ئەپەندى ئۆز باياناتىدا ئىسلام كەرىموپنىڭ ئارمىيىگە تايىنىپ غەلبە قىلغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئاجىزلىقىنى، ئەندىجان ۋەقەلىرىنىڭ بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى شەرھىلەپ، ئەگەر كەرىموپ خەلق بىلەن ھەمكارلىشىش، سۆزلىشىش يولىنى تۇتسا، دېموكراتىك جەريانلارغا يول قويسا، بەلكى بۇنىڭدىن كېيىن ۋەزىيەتنىڭ تىنچ تەرەققى قىلىشىغا پايدىلىق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتتى.
ئوتتۇرا ئاسىيالىق سىياسەتچى ئەخمەد ئەلىياروپ ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان " كەرىموپ ھاكىمىيىتىنى يوقىتىۋاتىدۇ" ناملىق ماقالىسىدە ئوخشاش پىكىرنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە تاشقى ئامىلنى ھېسابقا ئېلىپ، ئۆزبېكىستاننىڭ ھازىر مۇستەبىتلىك ئاساسىدىكى سىياسەتكە يۈزلەنگەنلىكىنى، ئۇنىڭ پەقەت رۇسىيىگىلا تايىنىپ قالماستىن بەلكى غەرب بىلەن ھەقىقىي ھەمكارلىشىشى لازىملىقىنى كۆرسەتكەن. ئاپتور مۇستەبىتلىك سىياسەتنىڭ ئەمەلىيەتتە كەرىموپنىڭ ھاكىمىيەتتىن ئايرىلىشىنى تېزلىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
موپ ئەسقەر ئاقايېۋ ئەمەس
قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن ئۆكتىچىلەر ئىنقىلابىدىن كېيىن، مۇلاھىزىچىلەر كېلەركى قېتىملىق ئىنقىلاب نۆۋىتىنىڭ قەيەر بولۇشى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشقان ئىدى. ئەندىجاندىكى ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن كىشىلەر قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەندەك نامايىشچىلارنىڭ شۇنچە ئاسانلا پرېزىدېنتنى قوغلىۋېتىپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى پەرەز قىلىشتى. مۇلاھىزىچىلەرنىڭ قارىشىچە، كەرىموپ ئۆزىنىڭ ئەندىجاندىكى پوزىتىسىيىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئاقايېۋ ئەمەسلىكىنى ئىپادە قىلدى.
ياۋروپادا چىقىدىغان "ئەركىنلىك" گېزىتىدا ماقالە ئېلان قىلغان پاترىك ساباتە ئىسلام كەرىموپنى تارىختىكى تۆمۈرلەڭگە ئوخشىتىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئۆز خەلقىغە ئوق چىقىرىش بۇيرۇقى بېرىشىدىن ھەيران قالماسلىق لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ، ماقالىسىدە كەرىموپنى ھەقىقىي مۇستەبىت دەپ ئاتايدۇ .
ېكىستاندا ھەقىقەتەن ئىسلامىي ھەرىكەت خەۋپى مەۋجۇتمۇ؟
نۆۋەتتە، ئۆزبېكىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە سۆز بولغاندا ئىسلام كەرىموپ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇنى ئىسلامىي جىھادچىلارغا باغلاپ، مەزكۇر ئىسلامچىلارنىڭ پەرغانە ۋادىسىدا ئىسلام خەلىپىلىكى قۇرۇش ئىدىيىسى بارلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىپ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ بۇ تەشۋىقاتلىرى غەرب دۆلەتلىرىنىڭمۇ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن شۇنىڭدەك كەرىموپ ئامېرىكىنىڭ تېررورىزىمغا قارشى كۈرىشىدىكى يېقىن ئىتتىپاقچىسىغا ئايلانغان ئىدى.
كەرىموپ، بۇ قېتىممۇ ئەندىجان ۋەقەلىرىنى "خىزبۇل تەھرىر" ۋە "ئەكرەمىيە" دېگەندەك ئىسلامىي تەشكىلاتلار بىلەن باغلىدى شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ تېررورچىلارغا قارشى كۈرەش قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقىمۇ بۇ ۋەقەلەرگە سىرتتىن كەلگەن تېررورچىلارنىڭ ئارىلاشقانلىقىنى شەرھلەش ئارقىلىق كەرىموپ بىلەن ئورتاقلاشتى .بىراق، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى بولسا، ئۇنىڭغا قۇلاق سالماي.، كەرىموپنى دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.
كۆپلىگەن مۇلاھىزىچىلەر ئىسلام كەرىموپنىڭ تېررورىزىم تەھدىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنى ئالدىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە، ئۆزبېكىستاندا بۇنداق تەھدىدنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى كۆرسىتىشمەكتە. (ئۈمىدۋار)