تۈركىيىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كافكازىيە ئىنسان ھەقلىرى يىغىنى ئېچىلدى
2005.07.11

يىغىن سەھنىسىدىن كۆرۈنۈش
10-ئىيۇل كۈنى تۈركىيىنىڭ ئەنەقرە شەھىرىدە "ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كافكازىيىدە ئىنسان ھەقلىرى" تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتكەن بولۇپ، يىغىندا تۈركىيە ئىنسان ھەقلىرى جەمىيىتى مەسۇلى، مەزلۇملار جەمىيىتى مەسۇللىرى، ئۆزبېكىستان ئەرك پارتىيىسىنىڭ تۈركىيىدىكى ۋەكىلى پىرمۇھاممەد ھالمەد ۋە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى مەسۇللىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
بۇ پروگراممىمىزدا، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم، يىغىندا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى باشلىقى ھايرۇللاھ ئەفەندىگۈل ۋە ئۆزبېكىستان ئەرك پارتىيىسى تۈركىيە ۋەكىلى پىرمۇھاممەد ھالمەد قىلغان نۇتۇقىدىن ئارىيەلەرنى ئاڭلىتىدۇ.
©
2005 Radio Free Asia